چوقۇم كۆرۈڭ! تايسېن « 100 ياشلىقلار ئۇرۇشى» بوكىس مۇسابىقىسى ئوينايدۇ

ئەلكۈيى تورى
2020-11-27
来源:سىنا تورى

ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى تەۋسىيەسى: نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا تايسېننىڭ قايتا بوكىس سەھنىسىگە چىقىدىغان خەۋىرى ھەممە يەرگە پۇر كەتتى، لېكىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ ئىزچىل چامباشچىلىق سەھنىسىگە چىقىپ باقمىدى، بوكس مەستانىلىرىنىڭ نەپسى توختاپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، تايسېننىڭ رەقىبى ئاخىر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تولۇق چېمپىيون بولغان كىچىك روي جونېس ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.بۇ مەيدان مۇسابىقە   29-چىسلا ئەلكۈيىدە نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ



تايسېن بىلەن جونېس بۇ ھەپتە بوكىس   مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىكەن، ئىككەيلەننىڭ يېشى قوشۇلۇپ 100 ياشتىن ئاشقاچقا، بۇ مەيدان مۇسابىقە« 100 ياشلىقلار ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدىكەن.

royjones.jpg

مۇسابىقە تەشۋىقات خىزمىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلغاچقا، تايسېن بىلەن جونېس ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەيدانغا چىقىش ھەققىگە ئېرىشتى، تايسېن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بارلىق كىرىمىنى خەير-ساخاۋەت ئورگىنىغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، تايسېننىڭ 10 مىليون دوللارلىق مەيدانغا چىقىش ھەققىمۇ 18 يىلدىن بۇيانقى رېكورتنى ياراتتى، بۇ ھەقىقەتەن مەستانىلەرنى ھەيران قالدۇردى!


ئەمەلىيەتتە، بۇ مۇسابىقە ئەسلىدە سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش، تېخىمۇ كۆپ قوللىغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىپ، مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن مۇسابىقىنى قەستەن كەينىگە سۈردى، بۇ خىل ئاچلىق، تىجارەت ئۇسۇلى ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، تايسېن بىلەن جونېس تېخى مۇسابىقىلەشمىدى، دۇنيا بوكس مۇنبىرىنىڭ نەزىرى بۇ يەرگە مەركەزلەشتى، مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ يەنە كۆپرەك پۇل تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، تايسېن بىلەن جونېس سەھنىگە چىقىپ كۈچ سىنىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن كېيىن قايتا چامباشچىلىق سەھنىسىگە چىقىشى بولۇپ، شۇ چاغدا سانسىزلىغان بوكس مەستانىلىرىنىڭ تېلېۋىزور ئالدىغا كېلىپ، ئىلگىرىكى بوكس پادىشاھىنىڭ سالاپىتىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.


تايسېن 54 ياشقا، جونېس 51 ياشقا كىرىپ قالغاچقا، ئىككىسى كەسپىي بوكسچىلاردەك مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ. ئىلگىرىكى ئىككى بوكس شاھىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ مۇسابىقە تۈزۈمىگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، مۇسابىقىنىڭ رەڭدارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى ئادەمنىڭ يارىلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت سەككىز ئايلانما مۇسابىقە بولۇپ، ھەر ئىككى ئايلانما مۇسابىقىگە ئىككى مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن، ئالدىنقى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە، ئىككى تەرەپ پەقەت بوكس پەلىيى كىيىپ، باش كىيمىنى ئىشلەتمەيدىكەن. ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا بىرەيلەننىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ مۇسابىقىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بوكس مەستانىلىرى كىمنىڭ يېڭىشى، كىمنىڭ يېڭىشى بىلەن قىلچە كارى يوق، پەقەت تايسېننىڭ قايتا چامباشچىلىق سەھنىسىگە چىققانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىلا، ئۇلارنى قانائەتلەندۈرىدۇ.


تايسېن دۇنيا بوكس مۇنبىرىدىكى ئەڭ داڭلىق بوكس شاھى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا دەۋران سۈرگەن، شۇنداقلا نۇرغۇن جۇڭگو بوكس مەستانىلىرىنىڭ مەبۇدىسى. تايسىننىڭ كۈچى يېتەرلىك، سۈرئىتى تېز، گەرچە بويى ئېگىز بولمىسىمۇ، ئەمما ناھايىتى چاققان، يەنە كېلىپ ناھايىتى كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە.

تايسېن 58 مەيدان كەسپىي مۇسابىقىسىدە ئۇ 50 قېتىم غەلىبە قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 44 قېتىم بىۋاسىتە KO رەقىبىگە ئېرىشكەن. گەرچە كۆپ يىل چېكىنگەن بولسىمۇ، لېكىن تايسېن ئېلان قىلغان مەشىق سىن كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ كۈچى ۋە سۈرئىتىنى يەنىلا سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ، بەدەن شەكلىمۇ خېلى يامان ئەمەس، بۇ مەيدان مۇسابىقىنى كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ.

جونېس ئوخشاشلا ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بوكىسچى بولۇپ، كەسپىي ھاياتىدا جەمئىي 75 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 66 مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان، KO رەقىبىنىڭ قېتىم سانى 47 قېتىم بولۇپ، كىمنىڭ يېڭىپ ، كىمنىڭ ئۇتتۇرىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.

ئىگىلىنىشىچە، تايسېننىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتى، بىر قىسىم ماكانسىز بالىلار ۋە دورا يەيدىغان ئاياللارغا ئىئانە توپلاش، ئۇلارنى نورمال تۇرمۇشقا قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆز نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەير ـ ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىش ئىكەن.


تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىر ئەۋلاد پۇتبول شاھى مارادونا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى، تايسېن بىلەن ئۇ گەرچە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئىككىلىسى دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىدىكى گىگانت چولپانلاردىن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بولغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تايسېن مارادوناغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ رىۋايەتلىك چولپانغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.