تايسېن بىلەن روي جونىسنىڭ 50ياشتىن ئاشقاندىكى مۇسابىقىسى باشلانماقچى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-27
来源:تېڭشۈن تورى

ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى تەۋسىيەسى: كەسپىي بوكسچىلىق ساھەسىدىكى ئىككى چوڭ رىۋايەتلىك بوكس شاھى مايك تايسېنMike Tyson بىلەن كىچىك روي جونېس (Roy Jones Jr) ئوتتۇرىسىدا 11-ئاينىڭ 29-كۈنى لوس ئانژېلېستىكى ستېپس مەركىزىدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ ، مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى تەپسىلاتلار تەدرىجىي ئاشكارىلاندى.

گەرچە كالىفورنىيە ئىشتاتى دۆلەت تەنتەربىيە كومىتېتى بۇ مەيدان ئىككى كەسپىي بوكس رىۋايەت كەبى شەخسكە چېتىلىدىغان مۇسابىقىگە ھېچقانداق رېپىر ئورۇنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى، بۇ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن غەلىبە قىلغۇچىنى نەق مەيداندىلا بىۋاسىتە ئېلان قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇنداقتا نەق مەيدان رېپىرى بولمىسا، مۇسابىقىدە كىم ئۇتتۇرغانلىقىنى ،كىمنىڭ يېڭىدىغانلىقىنى قانداق ئۆلچىگىلى بولىدۇ؟

كالىفورنىيە دۆلەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى دۇنيادىكى تۆت چوڭ بوكس تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولغان WBC بىلەن ئالاقىلاشتى، WBC كرىستى مارتىن (Christy Martin) ، ۋېننى پاچىئېنزا (Vinny Pazienza) ۋە چاد داۋسون (Chad Dawson) قاتارلىق ئۈچ نەپەر رېپىرغا يىراقتىن نومۇر قويۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.


WBC بۇ ھەقتە يەنە ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ: ھەر نۆۋەتلىك مۇسابىقى ۋاقتىدا   نومۇر ھېسابلايدۇ ھەمدە نومۇر ھېسابلاش ئۆلچىمى ئاممىغا ئېلان قىلىنىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە WBC يەنە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغۇچىغا ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئالتۇن بەلباغ تەييارلاپ، ئۇنىڭغا« Frontline Battle Belt » (قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ مۇھىم ) دەپ ئىسىم قويغان ۋە بۇ خەت   ئۈستىگە شۇئار شەكلىدە ئويۇلغان.


گەرچە دۇنيادىكى داڭلىق ئۈچىنچى تەرەپ دورا نازارەت قىلىش ئورگىنى VADA مۇسابىقىدىن بورۇن ئىككى بوكسچىغا قارىتا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان بولسىمۇ، لېكىن كەندىر سىناق قىلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، سەۋەبى نۆۋەتتە مايك تايسېننىڭ قانۇنلۇق نەشە تىجارەت كىنىشكىسى بار، بىر نەشە تېرىش دېھقانچىلىق مەيدانى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شۇڭا نەشە ئىشلىتىش ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش.


ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەيدان مۇسابىقىنى گەرچە ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى Triller بىلەن مايك تايسېننىڭ شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مۇسابىقە سىرتقا ئېلان قىلغان مۇسابىقىنى ئومۇملاشتۇرغۇچى تەرەپ CES ئاللىقاچان مۇسابىقىنى ئومۇملاشتۇرغۇچى جىممى بوچفىلد (Jimmy Burchfielld) ئىكەن.

نۆۋەتتە يەنىلا يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەچكە، مۇسابىقە مەيدانىدا تاماشىبىنلار يوق. كۆرمەكچى بولغان بوكس مەستانىلىرىنى پەقەتتور ئارقىلىق مۇسابىقىنى   سېتىۋېلىش ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدۇ.



ھازىرقى مايك تايسېن بىلەن كىچىك روي جونېس 50 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، نورمال بوكس ياكى چېلىشىش ماھىرلىرى بۇ ۋاقىتتا ئۆمرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. جۇڭگولۇق مايك تايسېن ۋە كىچىك روي جونېس يېشىغا تىز پۈكمەيدۇ، يەنە بوكس سەھنىسىگە چىقىش روھى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

بۇ مۇسابىقە شان شەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇ ھەتتا بىر مەيدان رەسمىي بوكس مۇسابىقىسى ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن كېلىپ چىققان بۇ كەسپىي بوكس تۆۋەن دولقۇن مەزگىلىدە بىزنىڭ كەسپىي بوكسچىلىققا بولغان قىزغىنلىقىمىزنى قوزغىتىدۇ.


بۈگۈنكى كۈندە، مايك تايسېن بىلەن كىچىك روي جونېس 50 يېشىدا قايتا سەھنىگە چىققان ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم تاماشىبىنلار يەنىلا بۇ مۇسابىقىنىڭ قىممىتىنى تازا ھىس قىلىپ بۇلالمايۋاتىدۇ ، بۇ جۇڭگونىڭ كەسپىي بوكس تەرەققىياتى ھەتتا مۇسابىقە ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئوڭايسىز رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

ئاتالمىش بوكس ھەۋەسكارى، مەن كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى تەستە قولغا كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى يىللاردىكى ياشلىق باھارىنى ئەسلەپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بەلكىم بۇ مۇسابىقە كەسكىن بولماسلىقى، نەتىجىسى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى مۇمكىن، بىراق بۇ مەيدان مۇسابىقە ساختا ئويۇن ئەمەس، لېكىن ئەسلەشكە ئەرزىيدۇ.


مايك تايسېن 1966-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىنىڭ برۇك ئورمانچىلىق رايونىدا تۇغۇلغان، ئىلگىرى دۇنيا كەسپىي بوكسىيورلۇق كەسپى ئېغىر دەرىجىلىك زومىگىرى دۇنيا بوكىس شاھى بولغان، بۇ يىل 54 ياش.

كىچىك روي جونېس، 1969-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئىلگىرىكى كەسپىي بوكسچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ساھەدە تۆت دەرىجىلىك دۇنيا بوكس پادىشاھى، بۇ يىل 51 ياش.

ئەلۋەتتە مانا مۇشۇنداق مۇسابىقە ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش شەكلىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىلىپ ، تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلىدۇ . بىز شۇ كۈنى 54 ياشقا كىرگەن بۇ رىۋايەت كەبى شەخسنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ چىقىپ ، كەسپىي تېرىشچانلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھىس قىلىمىز ، ئۇنداق بولسا ھەرھال بۇ تېمىنى چەمبىرەكلەرگە يوللاپ قويۇڭ ، مۇسابىقە كۈنى ھەممەيلەن ئەلكۈيىدە بىرگە مۇسابىقە كۆرەيلى!

تايسېن.jpg