بوكىس شاھى تايسېن كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-27
来源:تېڭشۈن تورى




ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: ئېغىرلىقى 45 كىلوگرام كىمەيدى! ئامېرىكىنىڭ سابىق ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى تايسېن (Mike Tyson) جاپالىق مەشىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئۆزىنىڭ تولۇق گۈللەنگەن مەزگىلدىكى مەزمۇت بەدەن ھالىتىنى تاپقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، يەنە بەدىنى يالىڭاچ، قاۋۇل مۇسكۇللىرىنى نامايان قىلغان، « مەن بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەردىن ئىنتايىن مىننەتدار، چامباشچىلىق سەھنىسىگە چىقىشقا تەقەززا بولۇپ كەتتىم. » دېدى.

بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن تايسېن، ئىلگىرى كەسپىي بوكس ساھەسىدە دەۋران سۈرگەن، بېيجىڭ ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى قايتىدىن جاھان سۈرۈپ ، 51 ياشلىق بوكىس شاھى   ماھىر جونېس (Roy Jones Jr) بىلەن سەھنىگە چىقىپ خەير – ساخاۋەت ماھارىتى كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.بۇ مەيدان مۇسابىقە ئەلكۈيى تورى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ ، مۇسابىقىنى ئەلكۈيى ئەپ دىتالىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.

بۇ مەيدان لاسۋىگاستا ئېلىپ بېرىلغان« 100 يىللىق ئۇرۇش» نى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، تايسېن يېقىندا« خەيرلىك سەھەر ئامېرىكا» پروگراممىسىنىڭ زىيارەت زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۆزىنىڭ قېرىمىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن باشقا، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قارا رەڭلىك قالپاقنى سېلىۋېتىپ، پەخىرلىك ھالدا رىياسەتچىگە بىلەك ۋە كۆكرەك مۇسكۇللىرىنى كۆز – كۆز قىلىپ، مەن 100 قاداق (تەخمىنەن 45 كىلوگرام) ئورۇقلاشقا مەجبۇر بولدۇم، بۇ ئۇنىڭ ئورنى، بۇرادەر، قاراڭ! بۇ دەل ئۇنىڭ ئورنى، بەدەن شەكلى بەك چىرايلىق.


تايسېن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: قايتا سەھنىگە چىقماقچى بولغان ئىكەنمەن، يۈزىمىزنى تۆكسەك بولمايدۇ، ئەڭ ياخشى جىسمانىي ۋە روھىي ھالىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جاپاغا چىداپ تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك، ئۇ ھېچنېمىگە قارىماي گۆشسىز تاماق يېيىشكە باشلىدى، يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، يەنە داۋاملىق يۈگۈرۈپ مەشىق قىلدى ، كۈندىلىك بوكس مەشىقىنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى، ، بۇ يېشىمدا شۇنچە كۆپ بەدەن ئېغىرلىقىمنى كېمەيتىۋېتىش ھەقىقەتەن ئىنتايىن قىيىن، لېكىن مەن يەنىلا چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ مەشىق قىلىشىم كېرەك، مانا بۇ نەتىجە، مەن مۇسابىقىگە قاراپ باقاي.