تايسون مارادوناغا ماتەم تۇتتى: ئۇ مېنىڭ قەھرىمانىم ۋە دوستۇم، مەن ئۇنى سېغىنىمەن

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
来源:تېڭشۈن تورى

مارادونا بۈگۈن ئالەمدىن ئۆتتى، بوكىس شاھى تايسون يازما يوللاپ ماتەم تۇتتى.

«مارادونا بىزدىن ئايرىلدى، 1986-يىلى ئىككىلىمىز ئۆزىمىزگە تەئەللۇق چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۇق. كىشىلەر ھەمىشە ئىككىمىزنى سېلىشتۇرىدۇ. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدىكى قەھرىمان ۋە دوست. مەن ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيمەن، ھەم ئۇنى چەكسىز سېغىنىمەن».