رۇسلار «جەڭگىۋار مىللەت» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار قايىل بولمىسا جان تىكىپ ئېلىشىدىغان مىجەزى بىلەن داڭق چىقارغان، شۇڭا ئۇلار ياشاۋاتقان زېمىندا ھامان بەزى قارام ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
چەتئەللىكلەر غەلىتە ئويۇنلارنى ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن ئۆزگىچە خۇشاللىق تاپىدۇ.
شاپىلاقلاشنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلىدۇ، ئادەتتە «كاچاتقا ئۇرۇش» دەپمۇ قويىمىز. ئۇنداقتا شاپىلاقلاش مۇسابىقە بولسىچۇ، ئىشىنىمەنكى كۆپىنچە ئادەم بۇنداق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى خالىمايدۇ.
ھالبۇكى رۇسلار مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە، قارام ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇسابىقىلىشىشكە ئامراق، ئۇلار «ھەقىقىي ئەرلەر ئەڭ كۈچلۈك ئويۇن ئوينىشى، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەسلىكى كېرەك» دەپ قارايدۇ، شۇڭا يېقىندا «شاپىلاقلاش مۇسابىقىسى» ئۇلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.
ئەمەلىيەتتە «شاپىلاقلاش مۇسابىقىسى»نى دەسلەپتە رۇسلار ئىجاد قىلمىغان بولۇپ، ئامېرىكا قىتەسىدىن كىرگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ پىسخىكا ئالاھىدىلىكىگە ناھايىتى ماس كېلىدىغان ئويۇن سۈپىتىدە 2018-يىلى كىرگۈزۈلۈپلا، ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.
بۇ ئويۇننىڭ رۇس تىلىدىكى تولۇق ئاتىلىشىЧемпионата по пощёчинамبولۇپ، بىۋاستە تەرجىمە قىلغاندا «شاپىلاقلاش مۇسابىقىسى» دېيىلىدۇ.
مۇسابىقە قائىدىسىمۇ ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ئىككى ئادەم ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىدە قارىمۇ-قارشى تۇرىدۇ، ئاندىن ئۆز-ئارا بىربىرىنىڭ يۈزىگە شاپىلاقلايدۇ، تاكى بىر تەرەپ ھوشىدىن كەتكۈچە ياكى يەردە يېتىپ قالغۇچە داۋاملىشىدۇ.
تاياق يېيىش جەريانىدا ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ۋە باش ئېگىشكە بولمايدۇ، ئىككى قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنسا «ئۇتتۇرغان» دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
غەلىبە قىلغان تەرەپ كېيىنكى جەڭ ئېلان قىلغۇچىنى ساقلاپ تۇرىدۇ، ھەمدە داۋاملىق مۇسابىقىلىشىپ ئەڭ ئاخىرقى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
بۇ مۇسابىقىدىكى چېمپىيون كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپدە 50 مىڭ رۇبلى، داۋاملىق تۈردە چېمپىيون بولسا 100 مىڭ رۇبلى، ھەتتا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەر 200 مىڭ رۇبلى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
ئەلۋەتتە پۇل مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ماھىرلار چېمپىيونلۇقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپ بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ قاۋۇل ئەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
يېقىندا شاپىلاق ئۇرۇش مۇسابىقىسىدە بىر يېڭىلمەس باتۇر بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭ ئىسمى ۋاسىلىي بېلېمىنى كاموتا بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭغا «تۈگرە ئاكا» دېگەن لەقەمنى سوۋغا قىلغان.
بۇ بودەكنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 165 كىلوگرام بولۇپ، كراسنويارسىك رايونىدىكى ئىلانسكىدا ياشايدۇ، ئۇ سېپى ئۆزىدىن دېھقان بولۇپ، نام چىقىرىشتىن ئىلگىرى يەر تېرىيدۇ، ئۇ نېمە ئۈچۈن دېھقان بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ:«دادام 30 يىلغا يېقىن دېھقان بولدى، بۇ بىزنىڭ ئائىلە ئەنئەنىمىز، مەن دېھقانچىلىقنى ياخشى كۆرىمەن».
بۇ مۇسابىقىگە قانداقلارچە قاتنىشىپ قالغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، تۈگرە ئاكا ئۆزىنىڭ كراسنويارسىكقا كېللىر سارچېۋ ئۆتكۈزگەن پائالىيەتنى كۆرگىلى بارغانلىقىنى دەيدۇ، ئۇ يەنە: دوستۇم ماڭا مۇنداق بىر مۇسابىقە بار، سىزنىڭ بۇ بەدەن قىياپىتىڭىز نەق چۈشىدۇ، بېرىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ دېگەن دەيدۇ.
نەتىجىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ تۈگرە ئاكا زور ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، رەقىبى مەيلى قاۋۇل ياكى مۇسكۇللۇق ئادەم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تۈگرە ئاكىنىڭ دېھقانچىلىقتا پىشقان ئالقىنى ئاستىدا مەغلۇپ بولىدۇ، بەزى ماھىرلار ھەتتا بىر قاراپلا چېكىنىشنى تاللايدۇ.
تۈگرە ئاكىنىڭ 300 جىڭدىن ئارتۇق ئېغىرلىققا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، ئۇ سەھرا باللىرىغا خاس ئوغۇلبالچىلىق، مەردلىكنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، قارشى تەرەپ بوش ئۇرسا بوش ئۇراتتى، ئەگەر رەقىبى ئۇنى كۈچەپ ئۇرسا، ئۇ چوقۇم تۈزۈت قىلمايتتى.
ئۇ ئاياپ ئولتۇرماستىن شۇنداق بىر ئۇرسا رەقىبى دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى تۈگرە ئاكىنىڭ ئالقىنىنىڭ ھەيۋىسى ناھايىتى زور. بەزىلەر تۈگرە ئاكىنى «كۆز بويامچىلىق قىلىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى، لېكىن تۈگرە ئاكا: «مەن پەقەت ئالقىنىمنىڭ يۇمشاق قىسمىنىلا ئىشلەتتىم، ئەگەر پۈتۈن ئالقاننى ئىشلەتسەم، رەقىبىم ئېڭىكىنىڭ ئۇچۇپ چىقىپ كېتىشىدىن قورقسا بولىدۇ» دېدى.
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شاپىلاقلاش مۇسابىقىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى تور سۇپىسىدا ناھايىتى قىزىپ كەتتى. مىليونلىغان چېكىلىش مىقدارى تۈگرە ئاكىنى توردىكى داڭلىق شەخسكە ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدىكى مەستانىلىرى 1000 دىن بىۋاستە 200 مىڭغا يېقىنلاشتى.
ئۇ يەنە تونۇشتۇرغۇچىسى كېللىر سارىچېۋ تەرىپىدىن موسكۋاغا بېرىپ نومۇر كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىندى، بۇ تۈگرە ئاكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى، تۇنجى قېتىم پايتەختكە بېرىشى بولۇپ، ئۇ ھەممە ئىشنىڭ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
موسكۋادا، تۈگرە ئاكا ئۆزىنىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىپ، سۆھبەتكە قاتناشتى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ بىر چولپانغا ئايلانغانىدى.
تۈگرە ئاكىنىڭ گەپلىرى ئۇنچە دەبدەبىلىك ئەمەس بولۇپ، كۆڭلىدىكىنى زاغرا تىلىدىلا ئۇدۇل ئېيتاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەسلى ئۇنىڭ تۇرمۇشى بەك ئاددىي ئىكەن، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ماشىنا ھەيدەپ دۇكانغا بېرىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالىدىكەن، ئاندىن ماي قاچىلايدىكەن، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن چوشقا باقىدىكەن...
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇندىن بۇرۇن مەن ئۆزۈمنىڭ بىرەر مۇسابىقىگە قاتنىشىشىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس، كىرىمىمىز ئاشتى، دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق».
لېكىن دۇنيادا نەدىمۇ يېڭىلمەس گېنېرال بولسۇن، ئالدىنقى قېتىمدا ئۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە «مېخانىك» دەپ نام ئالغان زېسۇرغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
ئەسلىدە تۈگرە ئاكىنىڭ غەلىبە قىلىشقا ئاز قالغانىدى، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا زېسۇرغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولدى، بىرىنچى تاياقتا تۈگرە ئاكا قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى، ئىككىنچى تاياقتا تۈگرە ئاكا «ۋاك» چىقتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولماسلىق رىۋايىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ مۇسابىقە قارىماققا كىشىنى ھاياجانغا سالسىمۇ، لېكىن خەۋپ ـ خەتىرى بەك يۇقىرى، يەنى تۈگرە ئاكا ئالقىنى بىلەن قاتتىق ئۇرىۋەتسە مېڭە سىلكىنىش، يۈز ۋە بويۇن قىسمىغا قان تولۇپ ئىششىش، چىش مىلىكىگە قان تولۇش، چىشى چۈشۈپ كېتىش، ھەتتا يۈز سۆڭىكى زەخىملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
بۇلارغا كۆپلىگەن كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ئاخىرىدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە بۇ خىل تۈردىكى مۇسابىقىلەرنى پەقەت كۆرۈپ ھوزۇرلانسا بولىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى دوراپ كۈتۈلمىگەن ھادىسەلەرنى چىقىرىپ قويماسلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم سالامەتلىكىنى ئوبدان ئاسىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز ۋە ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!