كىچىك بركۈت ھەبىب چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن ، پوتىن ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-27
来源:PP体育 | UFC野子

ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن UFC254 ئاساسلىق مۇسابىقىسىدە، « بۈركۈت» خەبىب ئىككىنچى قېتىملىق ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە رەقىبىنى ئېچىنىشلىق مەغلۇب قىلدى ، UFC يېنىك دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىنى ئۈچىنچى قېتىم ساقلاپ قالدى ھەمدە مەغلۇپ بولماسلىق نەتىجىسىنى مۇكەممەل بولغان 29 غەلىبە   0 يېڭىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. مۇسابىقىدىن كېيىن رۇسىيەلىك بۇ گىگانت چولپان كەسپىي ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلاپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان.


ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا، نۇرغۇن UFC ماھىرلىرى، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى چولپانلار ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا كىچىك بۈركۈتكە ھۆرمەت بىلدۈردى، ئىلگىرىكى ئەشەددىي دۈشمەن ماككىروگېرمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن بەخت تىلىدى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ ئۆزىنىڭ تور بېكىتى Championaat.com دا بايانات ئېلان قىلىپ، كىچىك بۈركۈتنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: « بىز ئۇنىڭ غەلىبىسىدىن خۇشال بولدۇق ھەم ئۇنى تەبرىكلەيمىز، قالغىنىنى ئۇ ئۆزى تاللايدۇ. »


كىچىك بۈركۈت 2018- يىلىدىكى UFC223تە ياكۇنتانى مەغلۇپ قىلىپ، بوش قالغان UFC يېنىك دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، ھەمدە كېيىنكى ئۈچ مەيدان مۇھاپىزەت جېڭىدە ئېغىز زەمبىرىكى، ئالماس ۋە گېيچنى مەغلۇپ قىلدى.


2018 ـ يىلى بۈركۈت بالىسى ئېغىز زەمبىرىكىنى مەغلۇپ قىلىش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، بۈركۈت بالىسى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەھرىمانلارچە مۇئامىلىگە ئۇچرىدى ھەم زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.

كىچىك بۈركۈت رۇسىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېلىشىش تۈرىدىكى ھەرىكىتىدىكى ئەڭ چاقنىغان چولپان، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ ئەزەلدىن رۇسىيە زېمىنىدا ئۆزىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان، لېكىن بۇ كىچىك بۈركۈتنىڭ رۇسىيەدىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان تەنتەربىيە چولپىنىغا ئايلىنىشىغا قىلچە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ.


بۇ يىل 7-ئايدا، بۈركۈت بالىسى فوربېس 40 ياشتىن تۆۋەن رۇسىيەدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش زاتلىرى تىزىملىكىگە كىردى، ھەمدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، بۇ ئۇنىڭ ئۇدا ئىككىنچى يىلى رۇسىيە فوربېس تەنتەربىيە ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.

بۈركۈتنىڭ 2019- يىللىق يىللىق كىرىمى 16 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، رۇسىيە تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش زاتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. Instagramm دا 20 مىليون مەستانىسى بار بولۇپ، رۇسىيەدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.


رۇس خەلقى جەڭگىۋار مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن باتۇر بولۇپ، ئېلىشىش ماھىرلىرىغا تېخىمۇ چوقۇنىدۇ. بۈركۈتنىڭ نامى چىقىشتىن ئىلگىرى، فېدو ئەمىلېنكو رۇسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق تەنتەربىيە چولپىنى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ناھايىتى كۆپ مەستانىسى بولۇپ، « يەر يۈزىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەر» دەپ ئاتالغان.


فىدۇ ئىلگىرى PRIDE، Rings قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى بولۇپ، كەسپىي ھاياتىدا 10 يىلغا يېقىن ئۇدا غەلىبە قىلىپ مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتىنى ساقلىغان ھەمدە دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە ماھىرلار تەرىپىدىن تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇنىۋېرسال چېلىشىش ماھىرى دەپ قارالغان. چامباشچىلىق سەھنىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، فىدومۇ دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، 2012-يىلىدىن ھازىرغىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارى، شۇنداقلا رۇسىيە رايونى دۇماسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولدى.

كىچىك بۈركۈت ئېغىز زەمبىرىكىنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن زۇڭتۇڭنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ ھەمدە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن نىگېرىيە قاتارلىق رايونلارغا بېرىپ خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى قىلىدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدە پۇتىن ياكى ھۆكۈمەت بۈركۈتكە تەكلىپ بەرسە، بۈركۈتمۇ فېدونى دوراپ ھۆكۈمەتكە كىرىپ ۋەزىپە ئۆتۈشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا كىچىك بۈركۈتنىڭ دادىسى ئىلگىرى روسىيە جەڭگىۋار سامبو دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى بولۇپ، كىچىك بۈركۈتمۇ شۇ يەردە ئۆزىنىڭ كەسپىي مەشىقىنى باشلىغان. كەلگۈسىدە، بۈركۈت بالىسى ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ترېنېرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، رۇسىيە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېلىشىش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىشى مۇمكىن.

خۇددى پۇتىن باياناتىدا ئېيتقاندەك، كەلگۈسىدە قالغان ئىشلارنى ئۇ ئۆزى بەلگىلەيدۇ.