شاھ مانا مۇشۇنداق تاۋلىنىدۇ ، ھەبىبنىڭ كەسپىي ھاياتى ھەققىدە

ئەلكۈيى تورى
2020-10-27
来源:تېڭشۈن تورى




ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: تاغلار بىلەن ئورالغان كاۋكازدا رىۋايەتتە پرومتېئۇس قامالغان جاي چېچىنىيە، ئىنگۇش، داغىستان، كاباردا-بالكار، ئوسېتىي قاتارلىق بەش جۇمھۇرىيەت (ئۆلكە / ئاپتونوم رايونغا توغرا كېلىدۇ) جايلاشقان. بۇ يەردىكى بالىلار جەڭگىۋار بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا ئېلىشىش مەشىقىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشتا باشقا ئېلېمېنتلارنى ئارىلاشتۇرمىغان، تاماق يېيىش، ئۇخلاشتىن باشقا مەشىق قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇشۇلاردىن باشقا نەرسە يوق. يامان ئىش قىلمايدۇ ، قىمار ئوينىمايدۇ، زەھەر چەكمەيدۇ، پاھىشە ئوينىمايدۇ، تۇرمۇشتا پەقەت تەنتەربىيە مەشىقىلا قىلىدۇ.


مانا مۇشۇنداق ئاددىي، زېرىكىشلىك تۇرمۇش، تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان چوڭ تاغدىن چىقىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى مەستانىلىرى نەچچە يۈز مىليونغا يەتكەن، ئۇنىۋېرسال ئېلىشىش ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ھەتتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زۇڭتۇڭ شاھزادىلىرى بىلەن شەخسىي مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولغان كاتتا شەخس خابىب-نۇر-ماگومايدوف.


ئۇ كەسپىي ھاياتىدا 29 مەيدان جەڭ قىلىپ، 29 مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر قېتىممۇ يېڭىلمىگەن ،   بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ   ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى گايچنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، بوكىس ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى.


ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىش ھاياتىنى باشلاش

نۇرغۇن كىشىلەر ھەبىبنى بىلىدۇ، تور ئارقىلىق تارقالغان بىر ۋىدىئو پۈتۈن دۇنيادا مودا بولۇپ كەتكەن ، ئەينى ۋاقىتتا بىر بالا ئېيىق بىلەن چېلىشىۋاتاتتى. كېيىن كىشىلەر بۇنىڭ بىر رەسمىي UFC ماھىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگودا، ئۇنىڭ تېخى توغرا بولغان خەنزۇچە ئىسمى بولمىغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى« كاخابى» دەپ ئاتىغان.


ھەقىقەتەن، ئۇ كۆرۈنۈش 2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەقىقىي قىزىپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە ھەبىب 2012-يىلىلا UFC كېلىشىمى ئىمزالىغان، ئەينى ۋاقىتتا يەنە بىر كاۋكاز ماھىرى-چېچىنىيەلىك ئاماگوف بار ئىدى. بىراق كاۋكازدىكى نۇرغۇن ماھىرلارنىڭ بىرى بولغان خابىب ئانچە كۆپ دىققەت قىلىشقا ئۇچرىمىغان، ئۇ 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە UFC نىڭ ئۇدا بەش قېتىم يېڭىشىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ،يەنىلا دىققەتنى قوزغىيالمىغان . لېكىن تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئاندېرسون سىلۋا سۇڭئېن بىلەن، جون جونېس گۇستافسون بىلەن بەسلەشكەن. ئۇ سىلۋا ۋە جونېس، كەيىن قاتارلىقلارغا تەۋە يىللار بولۇپ، كوننا-ماگرېگومۇ تېخى UFC غا يۈرۈش قىلمىغان.


ھابىب ھەقىقىي دىققەتكە سازاۋەر بولغان مۇسابىقە بولسا ، 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى دوس-ئانروسنى مەغلۇب قىلغان مۇسابىقە، بۇ بىرازىلىيە ماھىرى كېيىن يېنىك دەرىجىلىكلەر چېمپيونى بولغان. دوس-ئانروس ئالتۇن كەمەرنى ئالغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئاندىن ھەبىبنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدى.

20 يېشىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان

ھەبىب UFC غا كىرىشتىن بۇرۇن، ئەمەلىيەتتە 2008- يىلىلا كەسپى MMA مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىپ بولغان، ھەمدە بۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن مۇسابىقىلەرنى ئوينىغان. ئۇ مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ ئىلگىرى رۇسىيەدىكى ئاز ئۇچرايدىغان جۇدو قارا بەلباغ ماھىرلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. ئىشتىن سىرتقى مۇسابىقىدە، ھەبىبمۇ ئۇتتۇرۇپ باقمىغان ئەمەس، ئۇ ئىلگىرى كىچىك ۋاقتىدا دەرىجىسى خېلى چوڭ بولغان روسىيە ماھىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

لېكىن چېلىشىش مۇسابىقىسى روسلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى ئىشتەك تۇيۇلىدۇ، يېڭىش يېڭىلىش دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، كاۋكازلىقلارنىڭ تۇرمۇشى پەقەت تاماق يېيىش، ئۇخلاش، مەشىق قىلىشنىلا ئاساس قىلىدۇ، قىڭغىر-سىڭغىر بولۇشنى ئويلىمايدۇ، كەلگۈسىدە بۇ ئىشنى قىلغاندا كىرىمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاشمايدۇ.

ئەلۋەتتە، ئۇ چاغدا تېخى بىر بالا بولغان ھەبىب يىراقنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ناھايىتى زور بىر قىسىم تۆھپىسى دادىسىغا مەنسۇپ.

سول تەرەپتىكى تەقى-تۇرقى UFC برۇس-بافورغا ئوخشايدىغان بۇ كىشى دەل ھەبىبنىڭ دادىسى ئابدۇماناپ ئىدى. ئۇ ھەبىبنىڭ دادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەر تېرىنېرى ئىدى. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، بىز بىر مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۇستازى ئارقىلىق باش كۆتۈرۈشىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز، ئۇنىڭ كەينىدىكى كوللېكتىپنىڭ تۆھپىسى زور.

ئابدۇماناپنىڭ تەربىيىلىشى بىلەن، خابىبلا ئەمەس، داغىستاندىكى زور بىر تۈركۈم ئاۋا ياشلىرى ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇنىڭ ئاكىسى ئەبۇ باكار ۋە ھەبىبنىڭ« كىچىك   ھەمراھلىرى» ماخاچېفلارمۇ ھازىر UFC توختام تۈزگۈچى ماھىرلاردىن بولۇپ قالدى.

دادىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەبىبنىڭ نامى بارغانسېرى چىقىپ، ھەر مەيدان مۇسابىقە غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇ ئىلگىرى تونى فېرگۇسوننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىردىنبىر مەغلۇپ بولغان رەقىبى مايكول جونسوننى ئەسەبىيلەرچە خورلىغان، « بىرازىلىيە پۇت شاھى» بابوسانى مەغلۇپ قىلغان... ئەگەر بۇ مۇسابىقىلەرنى سىز ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغاندەك ھېس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا 2018-يىلى كۈزدىكى، ئۇ كوننېر ماگروگېرنى ئورۇپ ئېچىنىشلىق مەغلۇب قىلغان مۇسابىقىسى ،   خابىبنىڭ كەسپىي ھاياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېڭىلمەي كەلگەن ئېغىز زەمبىرىكى شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ خابىب تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنىپ، ئالتۇن كەمىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

بەختكە قارشى ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش

ھەبىبنىڭ دادىسى ھەمراھ بولغان ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى بار بولۇپ، ئۇ 2019-يىلىدىكى مۇسابىقە بولۇپ، ئۈچىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدە ھەبىب غەلىبە قىلغان.

شۇنىڭدىن كېيىنكى 2020-يىلى بىر مەيدان تەبىئىي ئاپەت تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، پۈتكۈل يەر شارىدا ھېچكىم ئۇنىڭ بۇ كېسەللىك يۇقۇمىنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، ھەتتا جەڭگىۋار خەلق ، بەدەن ساپاسى كۈچلۈك كىشىلەرمۇ شۇنداق بولدى. دەل مۇشۇ يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن، ئابدۇماناپ ئىسىملىك بۇ داڭلىق رۇسىيە چېلىشىش تېرىنېرى يىقىلدى، يۇقۇم ھابىبنىڭ دادىسىنى بوش قويماي ، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ھەبىبنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن ،   ئابدۇماناپنىڭ ۋاپاتى شەك-شۈبھىسىزكى ئۇنىڭغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى.

بىر قانچە كۈن ئالدىدىكى UFC254 مۇسابىقىسى   خابىبنىڭ يېقىنقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى. خابىب دەل بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ بۈرجەكلىك قۇلۇپلىنىپ، گايچنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ بولغاندىن كىيىن   چېكىنىشنى تاللاپ، سەپتىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

گەرچە ئېلىشىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن قايتا مەيدانغا چىقىشى ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇزۇنغا قالماي يەنە مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما خابىبنىڭ سەپتىن چېكىنىشنى تاللىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت زور كۈچ بىلەن مەشىق قىلىشى، بەدىنىنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىپ، ئۇنى ئاغرىق ئازابىغا دۇچار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دادىسىنىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭ قەلبىگە چوقۇم قاتتىق زەربە بولغانلىقى ئېنىق ئىدى.


تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى ھەبىب قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسۇن ، ئادەتتە   ئىنتايىن ئاددىي ياشايدىكەن. ئۇ يەنىلا ئىنتايىن كەمتەر، بەلكىم بۇ بىر ساھەدىكى دۇنياۋى شاھتا   بولۇشقا تېگىشلىك ھالەت بولسا كېرەك.

ھەبىب يەنە يۇرتىنىڭ ئاددىي مۇھىتىدا ئىنتايىن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا مەشىق قىلىدۇ، ئادەتتە باشقا تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا، سىز ئاياللار، بەدەن چەكمىسى، پۇل، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش قاتارلىقلارنى كۆرەلمەيسىز، ئۇ   تۇرمۇشتا ئاددىي- ساددا بولۇپ، خۇددى بىر كەمبەغەلگە ئوخشايدۇ، ئەمەلىيەتتە خەبىب بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شاھزادىسى، باي دۆلەت خامانتاننىڭ خېلى يامان ئەمەس شەخسىي ئالاقىسى بار، ھەتتا دۇنياۋى چولپانلاردىن كىرىستىيانو رونالدومۇ ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


خابىبنىڭ كەسپىي ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدۇ: ئەگەر ئادەم راستتىنلا ماددىي تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆز كەسپىگە كۆڭۈل بۆلسە، ئېرىشكەن بايلىقى پۇل بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇن مىليونلىغان ئالتۇن بىلەنمۇ   سېتىۋالالمايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ كىشىنىڭ قولىدا بولغان بولىدۇ .