يېڭىلمەس «بۈركۈت شاھى» خەبىب تارىخ يارىتىپ چېكىندى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-25
来源:تېڭشۈن

UFC254: خەبىب نۇرماگومېدوۋ VS جاستىن گېيچى مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئابۇزابى ياس ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىم ئالتە مەيداندا ئاساسلىق مۇسابىقە ۋە ئالتە مەيدان قوشۇمچە مۇسابىقە جەمئىي 12 مەيدان مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

قىززىق نۇقتىلىق ئاساسلىق مۇسابىقىدە ھازىرقى چېمپىيون خەبىب نۇرماگومېدوۋ (Khabib Nurmagomedov) بىلەن ۋاقىتلىق چېمپىيون جاستىن گېيچى يېنىك دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇق كەمىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جېڭىگە چۈشتى.

يېنىك دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جېڭى: خەبىب نۇرماگومېدوۋ VS جاستىن گېيچى

خەبىب نۇرماگومېدوۋ ھازىرغىچە كەسپىي ھاياتىدىكى 28 مەيدان جەڭدە پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىش رېكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز قېتىم رەقىبىنى KO قىلغان، 10 قېتىم تەسلىم قىلدۇرغان. UFC تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ماھىرلارنىڭ بىرى، خەبىب سەككىز بولۇڭلۇق قەپەستە 12 مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. 2018-يىلى 10-ئايدا، كونور ماكگىرېگور بىلەن ئوينالغان دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭدە ئۇ رەقىبىنى تەسلىم قىلدۇرۇپ غەلىبە قىلغان. ئارقىدىن بۇلتۇر 9-ئايدا دۇستىن پويىرېرنى بوينىدىن سىقىپ تەسلىم قىلدۇرۇپ، UFC يېنىك دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇق كەمىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. خەبىب ئەسلىدە مۇشۇ يىل 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان UFC249 دە تونىي فېرگېسېننىڭ رىقابىتىنى قوبۇل قىلغانىدى، لېكىن يوقۇمنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇنلىغان ئادەم كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان بۇ مۇسابىقە يەنە بىر قېتىم ئامالسىزلىقتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

جاستىن گېيچى ھازىرغىچە 24 مەيدان جەڭدە 22 قېتىم غەلىبە قىلىپ، ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 18 قېتىم رەقىبىنى KO قىلغان، بىر قېتىم تەسلىم قىلدۇرغان. مۇشۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن UFC149 دە خەبىبنىڭ ئورنىدا تونىي فېرگېسېن بىلەن يېنىك دەرىجىلىكلەر ۋاقىتلىق چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش جېڭىگە چۈشۈپ، بەشىنچى ئۇچرىشىشتا رەقىبىنى TKO قىلغان. گېيچى ئۇدا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا رەقىبى KO/TKO قىلىپ غەلىبە قىلغان (جامېس ۋېك، ئېدسون باربوزا، دونالد سېررونى)، ئۇ UFC يېنىك دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسىدىكى كىشىنىڭ ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان ماھىرلارنىڭ بىرى.

ئۇدا 12 قېتىم غەلىبە قىلغان فېرگېسېننى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، گېيچى خەبىبنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچلۈك رەقىبى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ چېلىشىش تارىخى بار، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ كۈچلۈك مۇشت ئاتالايدۇ، ئۇنىڭ يان تېپىكى كۈچلۈك، قارىماققا خەبىبنى مەغلۇپ قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق ماھىردەك قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە تۇنجى ئۇچرىشىشتا گېيچى ئازراق ئادەمنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، قەپەس ياقىسىدىن يىراق تۇردى، ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر قېتىملىق قۇچۇقلاپ يېقىتىشتىن مۇداپىئە كۆردى، ئاتقان مۇشۇ نىشانغا تەگدى، لېكىن ئۇمۇ مۇشۇنچىلىكلا ...

تۇنجى ئۇچرىشىشتا خەبىب تېز رىتىم بىلەن گېيچىگە بېسىم ئەكەلدى، توختىماي نەشتەر مۇشت ئاتتى (باش، قۇرساق قىسمىنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا يىراق ئارىلىقتىكى مۇشت)، تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، شۇ سەۋەبلىك ئۇزۇن ئۆتمەيلا دىمى سىقىلىپ، بەدەن قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ قالدى.

ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا. گېيچى ھېرىپ قېلىپ كۈچلۈك ھۇجۇم قىلالمىدى، خەبىب كۈچىمەيلا ئۇنىڭ يان تېپىكىگە تاقابىل تۇردى، ئۇنى يېقىتىپ، دۈمبىسىدىن ئېلىپ، پۇتى ئارقىلىق ئۈچ بولۇڭلۇق سىقىۋېلىپ تەسلىم قىلدۇردى. قاتتىق سىقىۋالغانلىقتىن گېيچى ھۇشىدىن كەتتى.

گېيچىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، خەبىب UFC يېنىك دەرىجىلىكلەر تارىخىدىكى تۆتىنچى ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغان چېمپىيونغا ئايلاندى، ھەمدە ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى 29 قېتىم غەلىبە قىلىش، بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرماسلىق قىلىپ مۇقىملاشتۇردى. مۇسابىقىدىن كېيىنكى زىيارەتتە خەبىب چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشت پەلىيىنى سەككىز بولۇڭلۇڭ قەپەسنىڭ ئىچىگە قويۇپ ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئارزۇسى P4P رەت-تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىقىش، مۇشۇنداق قالتىس ئىپادىسىنى تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ناھايىتى ئېنىق بولدى.