ھەبىب 29 مەيدان تولۇق غەلبە قىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-25
来源:腾讯

ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىسىمىسى : بۈگۈن سەھەردە ئاياغلاشقان UFC254 مۇسابىقىسىدە UFC يېنىك دەرىجىلىكلەر دۇنيا چېمپىيونى« كىچىك بۈركۈت» خابىب« پىڭتۇ باش» گايچى بىلەن بىر مەيدان دۇنيا ئالتۇن كەمىرىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئوينىدى،   ھەبىب ئىككىنچى قېتىملىق ئايلانمىدا   ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇلۇپلاشتا پىڭتۇ باش گايچنى بويسۇندۇردى،دۇنيا چېمپىيونى ھەبىب كەسپىي ھاياتىدا 29 مەيدان تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس ئالتۇن مېدالىنى ساقلاپ قالدى، مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھەبىب   كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قارارنى چىقىرىپ ، ئۆزىنىڭ UFCدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.


كىچىك بۈركۈت ھەبىبنىڭ چېكىنىش سەۋەبىمۇ ناھايىتى ئاددىي، دادىسى تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، بۇ ئىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن زەربە ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقىنى ئېيتقان، مۇسابىقىدە يەڭگەندىن كىيىن ھەبىب مۇنداق دېدى:

« مەن دېمەكچى، بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقەم، UFC دىكىلەر ماڭا تېلېفون قىلىپ مېنىڭ گەيچ بىلەن بولغان مۇسابىقەم   توغرىسىدا سورىغاندا، مەن ئانام بىلەن پاراڭلاشتىم، مەن دادام بولمىسا مەن جەڭ قىلمايمەن، دېدىم. مەن قەسەم قىلغان ئىكەنمەن چوقۇم رىئايە قىلىشىم كېرەك. بىز بۇ ھەقتە ئانام بىلەن   ئۈچ كۈن پاراڭلاشتۇق، بۇمۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقەم، ئوغۇل بالا گېپىدە تۇرمىسا بولمايدۇ. »

بۈگۈن سەھەردىكى مۇسابىقىدە ھەبىب ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئاسانلا غەلىبە قىلىپ، 29-مەيدان ئۇدا غەلىبە قىلدى، لېكىن بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ قالدى، مۇسابىقىدىن كېيىن ھەبىب يىغلاپ تۇرۇپ   كەسپىي ساھەدىن   چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ خەتنى چەكسىڭىز ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقاتقان تولۇق نەق مەيدان فىلىمنى كۆرەلەيسىز



29مەيدان ئۇدا غەلىبە قىلغان ھەبىب دادىسىغا بولغان سېغىنىشى   ۋە بۈگۈندىن باشلاپ UFC دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ، مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇ ئۇ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتى.   مەغلۇب بولغان   گايچ ھەبىبكە   يەنى مۇسابىقىدە مەغلۇب بولغۇچى ئالتۇن كەمەرگە ئېرىشكۈچىگە   تەسەللى بەرگەن كۆرۈنۈش تۇنجى قېتىم پەيدا بولدى.


مۇسابىقىدىن كېيىنكى نەق مەيدان زىيارىتىدە، كىچىك بۈركۈت ھەبىب مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقەم، دادام ھەمراھ بولمىسا مەن مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرالمايمەن.


ئەلۋەتتە، « كەسپىي ساھەدىن چېكىنىش» ئېغىز زەمبىرىكى كاڭنام ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەقەت بىر قورال ياكى بىر خىل ۋاسىتە بولۇشى مۇمكىن، كىچىك بۈركۈت ھەبىب ئۈچۈن « چېكىنىش» دېگەن سۆزنى قىلغاندا، بىز ئۇنىڭ خاراكتېرى بىلەن كەلگۈسىدە مۇسابىقىلەردە   كىچىك بۈركۈتنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ھىس قىلالايمىز .

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ھەبىبنىڭ دادىسى كىچىك بۈركۈت 30-مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئەمما يېڭى تاجىسىمان يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن بىز ئۇنىڭ 30-مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرەلمەيمىز

گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ھەبىبنىڭ يەرگە يېقىتىپ قۇچاقلاپ بېسىۋېلىش + يەر يۈزىدىكى سۈركىلىش ئۇسلۇبىدىن نارازى بولسىمۇ، لېكىن شۈبھىسىزكى ئۇ UFC تارىخىدىكى ھۆكۈمرانلىق كۈچى ئەڭ كۈچلۈك چېمپىيوننىڭ بىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى. ئېغىز زەمبىرىكى بىلەن ئېلىشىش ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدىغان تاكتىكىسىنى ئىجرا قىلىش ۋە سوغۇق قانلىق بىلەن كاللىسىنى ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈردى.

گەرچە مۇسابىقىدىن ئىلگىرى نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە بوكسچىلار گايىچنىڭ ھەبىبكە نىسبەتەن ، ھەبىبنىڭ يېڭىلمەسلىك رېكورتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا كۆزى يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەبىب ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ يەنىلا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئەمەلىيەتتە كىچىك بۈركۈت ھەبىب ئاللىبۇرۇن بۈركۈتكە ئايلىنىپ كەتكەن، ئەمما بۇ چاغدا ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا يېنىدا تۇرۇپ ھەمراھ بولالمىغان .

مۇسابىقىدىن كېيىن، كىچىك بۈركۈت ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە مۇنداق يازدى:

سەن بىلەن بىللە بولغاندا، ھېچكىم سېنى يىقىتالمايدۇ. ئاتامنىڭ بىر ئۆمۈر ماڭا ئۆگەتكەنلىرىگە ۋە ماڭا قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا رەھمەت،   ياتقان يەرلىرىڭ گۈزەل بولغاي !

20201025


مۇسابىقىدىن كىيىن. ھەبىبنىڭ دۇنياغا داڭلىق چولپان دوستلىرىمۇ بەس-بەستە بۈركۈتكە بەخت تىلىدى، بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

داڭلىق پۇتبول چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو توردا يازما يوللاپ مۇنداق دېدى: مۇبارەك بولسۇن بۇرادەر! داداڭ سەندىن پەخىرلىنىدۇ.

20201025


ئېغىز زەمبىرىكى كاڭنام مەگرېگېر: قالتىس ، خابىب-نۇمان گومودوف! مەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەيمەن! دادىڭىزغا يەنە بىر قېتىم ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە ھال سورايمەن! سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن!   كاڭنام بىر ئائىلە كىشىلىرى، سىزگە سالام يوللايدۇ!

مەيشى-ۋىليامىس (« ھوقۇق ئويۇنى» نىڭ باش رولىنى ئالغۇچى) : بۈركۈت بالىسى قالتىس!

جاڭ ۋېيلى: چېمپىيونلۇققا مۇبارەك بولسۇن! بەك قىززىغان مۇسابىقە بولدى، سىزگە ھۆرمەت! پېنسىيەگە چىققىنىڭىز كۆڭۈللۈك بولسۇن!

بۈركۈت بالىسى ئەمەلىي كۈچى بىلەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن چېمپىيون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

سۆڭەك: كىچىك بۈركۈتنىڭ مۇشۇنداق قالتىس كەسپىي ھاياتىغا ئىگە بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. مەن بۈگۈن ئۇنىڭ دادىسىنى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە مىليون مەستانىلىرىنى چەكسىز پەخىرلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىمەن!


DC: UFC تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ چىمپىيون مۇبارەك بولسۇن! نىمە دىگەن ئۇلۇغ نەتىجە بۇ، سىز بىلەن بىللە مەشىق قىلغان كۈنلەرگە مەڭگۈ تەشەككۈرلەر بولسۇن قېرىندىشىم! 29-0، تەڭداشسىز، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ!

GSP: كىچىك بۈركۈت مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم. رىقابەت رەقىبلىرى قاتلىمىدىن مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقىلەشكۈم بار ئىدى، لېكىن كەلگەن قاتلامدىن مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم.

دارون-تىر: بۇ كۆرۈنۈش ھەقىقەتەن تەسىرلىك . ئۇ ئانىسىنى ھۆرمەت قىلاتتى، ۋەدىسىدە تۇراتتى، نېمىدېگەن ياخشى ئادەم ـ ھە! مەڭگۈ MMA تارىخىدىكى ئالدىنقى بەش Goat! پېنسىيەگە چىققانلىقىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

ئوسمان: مۇبارەك بولسۇن ياخشى قېرىندىشىم@ كىچىك بۈركۈت، داۋاملىق يۈكسەك ئىرادەڭنى ساقلا@ گەيچى.

ئالماس: مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ!

ۋولكانوۋىسكى: شۈبھىسىزكى ئۇ P4P دا بىرىنچى بولدى! سىزنىڭ بۇنداق شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

تومپسون: مەن بۈركۈتنىڭ P4P شەرەپ بىلەن بىرىنچى بولۇشىنى% 100 قوللايمەن! ئۇ مۇتلەق ئېرىشىشكە ئەرزىيدۇ! سىزنىڭ نەتىجىڭىزگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، مۇبارەك بولسۇن! سىز بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىز، سىزنى سۆيىمەن!

چىمايېف: تەڭرىگە رەھمەت!

جېين-براجوۋىچ: قالتىس چېمپىيون، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان كەسپىي ھايات ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە! مۇبارەك بولسۇن، سىزنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك قەپەسنىڭ سىرتىدا ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلەيمەن!

گابرانت: تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قالتىس!

مېگان ئاندېرسون: خابىبنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى تەڭداشسىز! بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ئادەمنى تولىمۇ ئازابلايدۇ.

ھەبىب، مەڭگۈلۈك MMAرىۋايىتىگە بەخىت تىلەيمەن، چىكىنگەندىن كىيىن ھەممە ئىشلار ئامان بولسۇن!


بىز ئاخىرىدا كىچىك بۈركۈتنىڭ كەسپىي ھاياتى ئۈچۈن تولۇق نومۇرلۇق ئىمتىھان قەغىزى تاپشۇرغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز، ھەم ئۇنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك كىشىلىك ھايات يولىدا باشتىن ـ ئاخىر بىردەك بولۇشىنى تىلەيمىز.

640-42.png

来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:麦提江

640-529.jpeg

www.alkuyi.com