شىددەتلىك بوران بىرىنچى قىسىم

2023-02-02
来源:

قارا رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ جىڭخەي شەھىرىگە كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاش بىلەن ، بۇ ئەر كىشى قورققىنىدىن يۈرىكى يېرىلىپ ئىشخانىسىدىلا ئۈلۈپ كەتتى ، ساقچىلار ھەتتا ئۇنىڭ ئانىسى ياتقان قەبرە تېشى ئاستىدىن نۇرغۇنلىغان نەق پۇل ۋە ئالتۇنلارنى تېپىپ چىقتى.بۇ ئەر بولسا جىڭخەي شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇڭ كەي جياڭ ئىدى.

ئەسلىدە ئۇ بۈگۈن يىغىن ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى ، شەھەرنىڭ بارلىق رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلكىدىن كەلگەن قارا كۈچلەرگە زەربە بىرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى كۈتىۋالغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، قارىسا خەلق پارتكوم ،دائىمىي كومتېتى ،سىياسى قانۇندىكى ھەممە رەھبەر خىزمەت گۇرۇپپىسىنى كۈتىۋالغىلى چىقىپ كەتكەن، ئۇ بۇنى بىلىپ بېشى قېيىپلا كەتتى ، بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى نېمىشقا پۈتۈن رەھبەرلەرنى بۇنچە جىددىي قىلىۋېتىدۇ؟ئۇ ئۆزىنىڭ كاتىپىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئېلىپ كىتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، ئۇ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ بولدى ۋە كىيىنكى قەدەم ئۈچۈن ئ‍ۇرۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارماقچى بولدى.

2023-يىللىق چاغاندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە ئەڭ قىزىق نوقتىغا ئايلانغان، توردىكى باھاسى   9.1نومۇرغا ئېرىشكەن،   بۇ يىللىق ئەڭ نادىر تىياتىر «شىددەتلىك بوران»ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالىدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىنىپ، كۈندە تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلماقتا. بۇ نادىر تىياتىرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەلكۈيى ئەپ دىتالىنى چۈشۈرۈپ ياكى ئەلكۈيى سالونىغا 39 رەقىنى يوللىسىڭىز كۆرەلەيسىز.

بۇ چاغدا جىڭخەي شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇڭ كەي جياڭ تولۇق ھىس قىلىپ يەتتى، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئېنىقلا ئۇنىڭغازەربە بىرىشنى نىشان قىلغان ئىدى،ئۇ ئويلىغانسىرى قورقۇشقا باشلىدى،تېخىمۇ ئەنسىرەپ كەتتى، يۈرىكى بۇنداق چوڭ بېسىمغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئىشخانىسىدىكى ئۇرۇندۇقتا قورققىنىدىن ئۈلۈپ كەتتى. بۇ چاغدا ئۆلكىدىن كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاللىقاچان جىڭخەي شەھىرىدىكى كۈتىۋېلىش مېھمانخانىسىغا ئۇرۇنلىشىپ بولغان بولۇپ ،گۇرۇپپا باشلىقى ئىككەيلەن توپ مەيدانىغا كىرىپ پەي توپ ئويناپ پاراڭلىشىشقا چىققاندا ، بۇلار كىلىشىگە پەي توپ مەيدانى بولغان زال تىك تاك توپ مەيدانىغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن.بۇ جىڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قۇلىقى ھەجەپ ئۇزۇنكەن، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەھۋالىنى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە بىلىپ بوپتۇ ئەمەسمۇ ؟! شۈ گۇرۇپپا باشلىقى بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ھەقىقەتەن تەس ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتى.


ئۇلار قاراتمىلىق خىزمەت ئىشلەش ئۈچۈن، بىر سۇ ئۈزۈش مەيدانىدا چاچلىرى ئاقارغان ، ياشانغان كىشىنى چاقىرتتى، بۇ ئەرنىڭ ئىسمى ئەن شىن ، جىڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، ئۇنى چاقىرىشتىكى مەقسەت بولسا جىڭخەي شەھىرىدىكى چياڭجېن گۇرۇھى ۋە بۇ گۇرۇھنىڭ باشلىقى گاڭ جى چياڭنىڭ كەينىدىكى مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى تېپىپ چىقىش ئىدى،ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە، بىر ئاددى بىلىق ساتقۇچىدىن گاۋ جى چياڭ قانداق قىلىپ چوڭ بىر گۇرۇھنىڭ باشلىقى بولۇپ چىقتى ، ئۇنىڭ كەينىدە زادى كىم بار ؟گاۋ جى چياڭ ھەققىدە سۆز ئاچقاندا ئەن شىن بۇنىڭدىن 20يىل بورۇنقى 2000-يىللارغا قايتىپ سۆزلەشكە باشلىدى.ئەينى چاغدىكى گاۋ جى چياڭ بىر بىلىق ساتقۇچى بولۇپ ، ئاران-ئاران تۇرمۇش كەچۈرەتتى،بىر كۈنى بازار باشقۇرىدىغان بىر قانچە لۈكچەك ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.......ئاستىرتتىن بىرىلگەن مەخپى ئەسكەرتىشتىن خەۋەر تاپقان گاۋ جى چياڭ گەرچە قىممەت تىپتىكى 20 مىڭ يۈەنلىك رەڭلىك تېلىۋىزورنى ئالالمىغان بولسىمۇ 7 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى چوڭ تېلىۋىزورنى بۇ لۈكچەككە سوۋغا قىلدى.قايتىشقە تەمشەلگەندە ھەتتا بىر تەستەك يىگەندىن باشقا تېلىۋىزورنى يەرگە ئىتتىرىۋەتتى ، بۇ چاغدا ئىككەيلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى.بۇ ئەھۋاللارنى بىلگەندىن كىيىن ساقچى ئەن شىن مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتتى ھەمدە گاۋ جى چياڭنى قۇيۋەتمەكچى بولغاندا ، يەنە بىر خىزمەتدېشى تەرىپىدىن تۇسۇپ قېلىندى.....كىممۇ مانا مۇشۇنداق مېھرىبان ، يۇۋاش ئادەمنىڭ 20يىلدىن كىيىن ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشىغا ئايلىنىپ قېلىشنى ئويلىغان دەيسىز .گاۋ جى چياڭ پۇل تاپقاندىن كىيىن ، ئۆزىنى ئەينى چاغدا بېقىپ چوڭ قىلغان كەنت ۋە بۇ كەنتتىكى ياشانغانلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، ئۇلارغا ناھايتى چوڭ نەپلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ، بىر كۈنى ياشانغانلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا بىر ياشانغان كىشى ئۇنىڭغا يېقىندا قارا گۇرۇھنىڭ بەك ئەدەپ كەتكەنلىكىنى ، بىر داۋ ئاكا ئىسىملىك قارا جەمئىيەت كاتتىۋېشىنىڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز تارقىتىپ ، قايتۇرمىغانلارنى بەك قاتتىق ئۇرىدىغانلىقى ھەقىقەتەن ئەسكى ئادەملىكىنى ئېيتىدۇ،ھەم گاۋ جى چياڭنىڭ يېنىدىكى ئىنىسىدىن شۇنداق ئادەمنى ئاڭلاپ باققانمۇ دەپ سورىشى بىلەن ناھايتى چاتاق ئەھۋالدىن بىرسى يۈز بېرىدۇ.


2-قىسىم ئەلكۈيىدە

بىر يۇۋاش ئادەم قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن،پۈتۈن جەمئىيەتنى ئۆزىگە قارىتالايدىغان چوڭ كاتىۋاشقا ئايلاندى،يەنە نېمىشقا قانۇنغا خىلاپ يولغا قاراپ يول ئالدى؟بىر ئاددى خەلق ساقچىسى زادى قانداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ 10 يىل ئىچىدە چاچلىرى ئاقارغان ، ياشانغان كىشىگە ئوخشاپ قالدى؟ 10 يىل بورۇن ساقچى دائىرىلىرى سۇ ئامبىرىدا بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقايدۇ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈش ۋە جەسەتنى ئېلىپ چىقىش جەريانىدا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ دېخەي ساقچى ئەنشىنگە تۆھپە كۆرسىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.ئەمما ئەن شىن بۇ پۇرسەتنى قەستەن رەت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ ، ئىدارىغا قايتقاندىن كىيىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەن چاڭلىن ئۇنىڭدىن نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ،ئەن شىن ئۆزىنىڭ بۇنداق ئالاھىدە نەپ ئارقىلىق ساقچىلار ئارىسىدا ئابرويغا ئېرىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ، ئىدارىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئۇنىڭ ئىدارە باشلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر مەن كۆلگە چۈشۈپ جەسەتنى سۈزۈپ چىقسام ، ھەممەيلەن مىنى قەستەن ئۆزىنى كۆرسەتتى دەپ ئويلايدۇ دەپ جاۋاب بېرىدۇ ، بىراق ئەن چاڭلىن بۇنى ئېتراپ قىلمايدۇ ، ئۇ بۇ ھەرقانداق ساقچىغا بىرىلىدىغان ياخشى پۇرسەت ، بۇ ئارقىلىق ئەمەلىي تەجرىبە ئۈگەنگىلى بولىدۇ ، سەن قەستەن ئارتۇق ئويلىدىڭ دەپ خاپا بولىدۇ.ئۇ ئەن شىنگە ئىككى تاللاش بېرىدۇ ، يەنى مېڭ ئىدارە باشلىقىدىن كەچۈرۈم سوراش ياكى ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش.بەلكىم ئۇلار ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، بىراق ئەن شىن مېڭ دېخەيدىن كەچۈرۈم سورايدۇ.

فىلىم كېلىدۇ.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈلۈپ كەتكۈچىنىڭ لۇبىيدىن كەلگەن خۇاڭ سۈي سۈي ئىكەنلىكى ، ئۈلۈپ كىتىشتىن بورۇن بەدىنىدە نۇرغۇن يارا ئىزى بارلىقى ، ناھايتى قاتتىق تاياق يىگەنلىكىنى ، جىڭخەيگە كەلگەندىن بۇيان ئىزچىل كونا زاۋۇت بويىدا ھەركەت قىلىدىغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. ئادرېسقا ئاساسەن ئەن شىن قاتارلىق ساقچىلار ئۇنىڭ ئۈلۈپ كىتىشتىن بورۇنقى تۇرغان ئۆيىگە تەكشۈرۈشكە بارىدۇ.ئىشىكنى ئېچىپ تۇرىشىغا بىر ئەر دېرىزىدىن سەكرەپ قېچىشقا باشلايدۇ.قوغلاش ئارقىلىق ساقچىلار ئاخىرى بۇ ئەرنى قولغا ئالىدۇ.بىراق بۇ چاغدا بۇ ئەر قوينىدىن بىر بومبىنى چىقىرىپ ئۆزىنى قۇشۇپ پارتلاتماقچى بولىدۇ.ئەسلىدە بۇ بومبا پوجاڭزىدىن ياسالغان يالغان بومبىكەن ئەمەسمۇ ، ئەنشىنمۇ ھېچقانداق يارىدار بولمايدۇ.بۇ ئەرمۇ ئۆزىنىڭ خۇاڭ سۈي سۈي بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ ئويناپ يۈرىدىغان مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ، ئۆيگە باشقىلارنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلىپ قورقۇپ قاچقانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىۋالىدۇ.ساقچىلارمۇ ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمەيدۇ،ئوزۇن ئۆتمەي گاۋ چىچياڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ.بەلكىم ئۇنىڭ ئەن شىن بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقۇسى كەلدى بولغان ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ئەتراپىدا كوچا ئاپتوبوسى يوقلىقىنى باھانە قىلىپ ئەنشىننىڭ ساقچى ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ شەھەر مەركىزى رايونىغا ماڭىدۇ ھەمدە ئەنشىنگە قۇلايلىق بولسا ئۇنى ئۆزىنىڭ بىلىقچىلىق دۇكىنىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتىدۇ ، ئەمدىلا دۇكانغا كىلىپ نەرسىلىرىنى ئېلىپ كىتىشكە تەييار تۇرىشىغا ، تاڭ فامىلىلىك ئاكا-ئۇكىلار بازار چۆرگىلەپ بۇ يەرگە كىلىپ قالىدۇ.ئەمما ئەنشىننىڭ بۇ ئاكا-ئۇكىلارغا گىپى ئۆتمەيدۇ،چۈنكى بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنى سودا-سانائەت ئىدارىسى باشقۇرغاچقا ئۇلار ئەنشىننىڭ گىپىنى قەتئىي ئاڭلىماي تۇرىۋالىدۇ.


مۇشۇ چاغدا جىدەل باشلانغاندا ، ئەنشىننىڭ سەپدىشى ئالۇڭنى بىر يانغا چاقىرىپ ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ

ئەنشىننىڭ سەپدىشى ئەسلىدە بۇ گەپنى مۇنداقلا دەپ ئۇلارنى بېسىقتۇرماقچى بولغان ئىدى ، ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇ بىر ئېغىز سۆز سەۋەبلىك ، گاۋ جى چياڭنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.ئەن شىنمۇ ئاخىرىدا ئۇنىڭ پايدىلىنىش قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.ئىككىنچى كۈنى تاڭ فامىلىلىك ئاكا-ئۇكىلار گاۋ جى چياڭنى ئىزدەپ كىلىپ ، ئۇنىڭ ئەن شىن بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى ، قانچىلىك يېقىنلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ ,گاۋ چى چياڭ ئۇدۇل جاۋاب بەرمەي گەپ يورغىلىتىپ ماڭىدۇ ، ئۇلار بۇ جاۋابتىن چوقۇم ئىككەيلەننىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار دەپ قاراپ دەرھال گاۋ چى چياڭغا بولغان پۇزىستىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ.ھەمدە ئىجارە ھەققى ۋە باشقا ھەقلەردە زور كەچۈرۈم بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان گاۋ چى چياڭ كۆڭلىدە تۇنجى قېتىم ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ ،بەلكىم يۇۋاش ھالەتتە،ئاددى ئادەم بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرسە، بۇ يەردە داۋاملىق ياخشى ياشىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ.يەنە بىر تەرەپتە بولسا ئەنشىن قاتارلىق ساقچىلار خۇاڭ سۈي سۈينىڭ بىر فېڭ ساراڭ ئىشەك ناملىق ئەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. فېڭ ساراڭنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەن جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئۇنى سولىۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى يادىغا ئالىدۇ.بۇ فېڭ ساراڭنىڭ ھەقىقەتەن قولى قاتتىق بولۇپ ، ئادەملەرگە زەر بىرىش ئەھۋالى ھەقىقەتەن قەبىھ بولغاچقا ، ساقچى تەرەپ ئىشپىيون شەكلىدە ، ساقچىلارنى تۈرمىگە جىنايەتچى سۈپىتىدە كىرگۈزۈپ ئىسپاتقا ئېرىشمەكچى بولىدۇ.بۇ چاغدا چەك تارتىش ئارقىلىق قايسى ساقچىنى جىنايەتچى ھالىتىدە تۈرمىگە كىرگۈزۈشنى بىكىتمەكچى بولغاندا ، بىر ساقچىنىڭ بىر ئېغىز گىپى ئەن شىننى چۇقۇم ئۆزىنىڭ تۈرمىگە جىنايەتچى سۈپىتىدە كىرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.ناھايتى تېزلا ئەن شىن باشقىلارنى ئۇرغان دىگەن جىنايەت بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا فېڭ ساراڭ ئىشەكنىڭ كامىرىغا قامىلىدۇ،ب كامىرنىڭ نوچىسى فېڭ ساراڭ بولۇپ ، ئەن شىن بۇ يەردە فېڭ ساراڭ بىلەن قانداق ئۈتىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتەن چىقىشىپ ئاكا-ئۇكىلاردىن بۇلالامدۇ ياكى ئۇلاردىن قاتتىق تاياق يەمدۇ ؟نامى پۇر كەتكەن ھېيلىگەن فېڭ ساراڭ ئاددى ساقچى ئەن شىنگە مۇشۇنداق ئاسانلا ئىشىنەلەمدۇ ؟ چوڭ بىر توزاق باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.