مۇسبەتتە نېمىشقا پۈتۈن بەدەن ئاغرىيپ، پىچاق يۇتقاندەك ھىس قىلىمىز؟ دوختۇر جاۋابى

ئەلكۈيى تورى
2022-12-18
来源:شىنخۇا تورى، مەركەز تېرمىنالى

QQ20201127-0.gif

ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى:يېقىندىن بۇيان ، « مۇسبەت چىقسا پۈتۈن بەدىنىڭىز ئاغرىمدۇ » دېگەن تېمىدا مىكرو بلوگدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان

يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ئېغىر كېسەلگە ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك ؟   مۇسبەت بولغانلار بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق ئۆيدە تەكرار يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ؟

بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ، مۇتەخەسسىسلەر جاۋاب بەردى.

  نېمە ئۈچۈن پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىيدۇ ؟

تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە ، ئومىكرون بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، گال ئاغرىش ، بوغۇم ئاغرىش ، مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. نېمىشقا بەدىنىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تېلىپ ئاغرىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ ؟

بېيجىڭ يۇئەن دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى تۇڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: « ئاساسلىقى بەدەنگە ۋىرۇس تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكتىن ، بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھۈجەيرە فاكتورىنى يىغىدۇ. بۇ ھۈجەيرە فاكتورلىرى بەدىنىمىزدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملانغان بۇ ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھالبۇكى ، بۇ ۋاقىتتا بۇ ھۈجەيرە فاكتورىنىڭ جانلىنىشى بىلەن ، بىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ۋىرۇسلارنى تازىلاۋاتقان بولغاچقا ، بەدىنى تېلىپ ئاغرىپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. » دېدى.

نېمە ئۈچۈن شۆلگەي يۇتقاندا خۇددى « پىچاق يۇتقان »غا ئوخشايدۇ ؟ بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مۇدىرى ۋاڭ لىڭخاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ خىل ئەھۋال ئاساسلىقى ئاۋاز پەردىسى ۋە ئاۋاز پەردىسى ئەتراپىدىكى شىللىق پەردىدە قان تولۇپ سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ ، ئادەتتە كېسەللىك جەريانى 3 كۈندىن 5كۈنگىچە بولغاندا روشەن ئىپادىلىنىدۇ. تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى   ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۆتكۈر دەۋرى ئاخىرلاشقاندا ، ۋىرۇسلار تازىلىنىپ ، ياللۇغ يېنىكلەيدۇ ، سۇلۇق ئىششىق يوقايدۇ ، ياخشىلىنىدۇ ، ئاۋازى ئەسلىگە كېلىدۇ.

قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ئېغىر كېسەلگە ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن ؟

يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەكمۇ ؟ قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك ؟

جۇڭ مىڭ فۇدەن داشۆسى قارمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ، ئۆيدە قانداق كېسەلگە قاراپ دورا ئىشلىتىش توغرىسىدا جاۋاب بەردى. يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا بارمۇ ؟

نۆۋەتتە دورىنىڭ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى يوق ، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورا بېسىش ياكى دورا يېيىش ھاجەتسىز. يېڭى تاجىسىمان ئ‍ۆپكە ياللۇغىنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياكى يۇقۇمنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتماقچى بولسا ، بىر تەرەپتىن ، ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى بەدەن ھالىتىنى ساقلاش ، مەسىلەن ، قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش ، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلار.

دورا ئىچكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟

ھازىرقى دورىلارنىڭ ھەممىسى كېسەلگە قاراپ قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلار بولۇپ ، ئۇ ئەسلىدىنلا يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى بىۋاسىتە داۋالىيالمايدۇ ، پەقەت كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار ياكى كىشىلەر كۆپ دورا ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. ۋىرۇس ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ ، ئالاھىدە قارشىلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

قانداق ئەھۋال ئاستىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشكە تەكلىپ بېرىمىز ؟

نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا تەۋە ، ئېغىر كېسەللىك خاھىشىغا ئايلانغان كىشىلەر توپى ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئېغىر كېسەللىك ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆپكىگە بېرىش ، ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قېلىش ئەگەر نەپەس قىيىنلىشىش ، دېمى سىقىلىش ، قاندىكى ئوكسىگېننىڭ قىممىتى نورمال سەۋىيەدىن (% 95 تىن تۆۋەن) تۆۋەن بولسا ، ئېغىر كېسەلگە ئۆزگىرىش خاھىشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئەسلىدىكى ئاساسىي كېسەللىك ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسا، ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

مۇسبەت بولغانلار بىلەن بىللە ئۆيدە تۇرسا تەكرار يۇقۇملىنامدۇ ؟

ئۆيدە تۇرغان مەزگىلدە ، مۇسبەت ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا ئۆزئارا تەكرار يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنمۇ ؟ ئائىلىدىكى يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئۆينى قانداق دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك ؟

بېيجىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ، جۇڭگو دوختۇرخانا جەمئىيىتى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى (پونكىتى) شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى چېن جى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى. نەرسە-كېرەك ياكى تازىلىق ئۆيىنى ئورتاق ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغاندا ، بىللە تۇرىدىغانلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك ؟ يۇقۇملانغۇچىلار ئۆيىگە ئاممىۋى رايونلارغا كىرگەندە N95ماسكا تاقىشى كېرەك. يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىللە تۇرىدىغانلار ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ساقلاپ ، بىرلىكتە تاماق يېمەسلىك كېرەك.

ئەگەر تازىلىق ئۆيىنى ئايرىم ئىشلىتىش شارائىتى بولمىسا ، لۆڭگە ، سوپۇن قاتارلىق تازىلاش بۇيۇملىرىنى ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك . مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سۈرتكۈچتىن بىرنى تەييارلاپ ، يۇقۇملانغۇچى تەرەت قاچىسىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئىسپىرت بىلەن بىر قېتىم سۈرتۈش ، ھەمدە بوشلۇقتا ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك .

بىر ئائىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدا ، ئۆز - ئارا تەكرار يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ؟

مۇسبەت بولغان بىمارلار ساقايغاندىن كىيىن ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئادەتتە قايتا يۇقۇملانمايدۇ . ئەگەر بىللە تۇرىدىغانلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە ، سەللىمازا ساقىيىپ كەتسە ، ئاساسىي جەھەتتىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش ، تەكرار يۇقۇملىنىش كۆرۈلمەيدۇ .

بىراق ، ئەگەر بىر ئايدىن كېيىن يەنە خەتىرى يۇقىرى بولغان يۇقۇملۇق مۇھىتقا دۇچ كەلسە ، يەنە بىر قېتىم يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ . ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارغا نىسبەتەن ، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى بىرىنچى قېتىمدىن يېنىك بولىدۇ ، لېكىن ياشانغانلارغا نىسبەتەن ، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش كۆپ ھاللاردا ئېغىر كېسەل بولۇش خەتىرىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن بېرىدۇ ، ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۆيدە تۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى قانداق دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك ؟

ئۆزى ئۆلچىگەندە   ئۇدا ئۈچ كۈن مەنپىي بولغان بولسا ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىلەر ھېسابلىنىپ   يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولمايدۇ ، ئايرىم ئايرىم تۇرمىسىمۇ بولىدۇ . ۋىرۇس ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ، بولۇپمۇ ھازىر پار بار ئۆيدە ، ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالمايدۇ . شۇڭا ، ئائىلىنى ئالاھىدە دېزىنفېكسىيە قىلىش ھاجەتسىز . لېكىن نۇقتىلىق ئورۇن ، مەسىلەن ، تەرەت تۇڭى ، يۈز يۇيۇش جاۋۇرى ، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىق ۋىرۇسلارنىڭ بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان جايلار ، يەنىلا ئۈنۈملۈك خىلور ياكى ئىسپىرت تەركىبلىك دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . چىش چوتكىسى قاتارلىق يۇيۇش - يۇيۇنۇش سايمانلىرى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بىر يۈرۈش يېڭىسىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ ، قاچا - قۇچا ، قاچا - قۇچا ، يۈز يۇيىدىغان لۆڭگىنى قايناق سۇ بىلەن قىزىتىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك . ئۆي مۇھىتىنى ھەر لىتىر 5 0 0 مىللىگرام ئۈنۈملۈك خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك .

素材1.jpg