دۇنيا لوڭقىسى: پورتۇگالىيە vs كورېيە مۇسابىقىسىگە نەزەر

2022-12-02
来源:

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 23:00تە، دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئايلانمىسىدا، ھايات-ماماتلىق جەڭدە كورىيە كوماندىسى مۇددەتتىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىققان پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. كورىيە كوماندىسى ئەگەر گۇرۇپپىدىن چىقىشنى ئويلىسا چوقۇم پورتۇگالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشى كېرەك، پورتۇگالىيەمۇ گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

گۇرۇپپىدىن چىقىشنى نىشان قىلغان كورىيە كوماندىسى ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئانچە ياخشى ئوينىيالمىدى، 0:0 نەتىجە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى، 3:2 نەتىجە بىلەن گانا كوماندىسىغا ئۇتتۇردى. سون خيوڭمېن كوماندىنىڭ يادروسى ۋە كوزىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يارىلىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىپادىسى ياخشى بولمىدى، بولۇپمۇ گانا بىلەن بولغان ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، كۆپ قېتىملىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، كوماندىغا تۆھپە قوشالمىدى. مەشقاۋۇل بېنتومۇ مۇسابىقىدىن كېيىن قىزىل كارتا يەپ، نەق مەيداندا كوماندىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئۆز دۆلىتى پورتۇگالىيە كوماندىسىغا تاقابىل تۇرۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، بېنتو ئالدى بىلەن كوماندىنىڭ ھۇجۇم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك، لى گاڭرېننىڭ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشكەندىن كېيىنكى قالتىس ئىپادىسى ئاساسلىق ئەزا بولۇشقا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سون خيوڭمېن يەنىلا پورتۇگالىيەنىڭ مۇداپىئە سېپىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى سىرتقى دۇنيانىڭ ئۇلارغا بولغان مۆلچەرىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىش ئارقىلىق سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بىرۇنو فېرناندېس، فېلىكس، بېرنادو سېلۋا قاتارلىق توپچىلارنىڭ ئىپادىسى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى، كىشىلەر بۇنى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونلۇقىنى تالىشىدىغان كوماندا دەپ قارىدى. بەشىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان رونالدو بۇ كوماندىنىڭ تۈۋرىكىدۇر. رونالدونىڭ مەيداندىكى تەجرىبىسى ۋە ئىقتىدارى بۇ ياش پورتۇگالىيەنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇ بۇ كوماندىنىڭ باشلامچىسى، مەيداندىكى مۇھىم نۇقتا.

تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، ۋاراتار دىئوگو كوستا ئوت بىلەن ئوينىشىپ مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى يوق قىلغىلى تاس قالدى، مۇسابىقىدىن كېيىن رونالدومۇ تۇنجى بولۇپ ئۆزىنى ئەيىپلىگەن دىئوگو كوستاغا تەسەللىي بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىئوگو كوستامۇ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە كۆپچىلىكنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ، كوماندىنىڭ غەلبىسىنى قوغدىدى. بىر كوماندىدا نۇرغۇن تالانتلىق توپچىلار بولغاندا، ئۇنىڭغا رونالدوغا ئوخشاش رەھبەر قوشۇلسا، بۇ ئېنىقكى ئەڭ مۇكەممەل مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.

ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، كورىيە كوماندىسى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مۆجىزە يارىتىدۇ؛ پورتۇگالىيە كوماندىسى بولسا كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەڭ ئاز بەدەل تۆلەپ گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولالامدۇ. ئېنىقكى بۇ بىر مەيدان ھايات-ماماتلىق مۇسابىقە.

ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ئويۇن ئەمدى باشلىندۇ!