دۇنيا لوڭقىسى: ئامېرىكا 0:1 ئىران، ئامېرىكا گۇرۇپپىدىن چىقتى

2022-11-30
来源:

20221130

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى B گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 30-نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 03:00دە باشلاندى، ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن ئىران كوماندىسى ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ئامېرىكا كوماندىسى ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت ياراتقان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى.

5-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا كىرىپ خەتەرلىك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ پۇرسەتنى تۇتالمىدى.

8-مىۇتىدا ئامېرىكا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونى سىرتىدىن تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى.

10-مىنۇتىدا ئامېرىكا توپنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئۈسكەن بولسىمۇ قاپقىچى تۇتۇۋالدى.

16-مىنۇتىدا ئامېرىكا كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىدا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي ياخشى پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالدى.

20-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا كىرىپ شۇنداق ياخشى پاسلىشىپ ئارىلىق ئاچقان بولسىمۇ توپنى كىرگۈزەلمىدى.


27-مىنۇتىدا ئامېرىكا كوماندىسى شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونى سىرتىدىن توپنى بېسىم بىلەن تەپكەن بولسىمۇ لېكىن نومۇر ئالالمىدى.

30-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ يەنە بىر قېتىم قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونىدا توپنى تەپكەن بولسىمۇ كىرمىدى.

33-مىنۇتىدا ئامېرىكا كوماندىسى قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونى سىرتىدىن تەپكەن توپ ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى.

37-مىنۇتىدا ئامېرىكا كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى، مەككېنى توپنى ئوڭ يولغا تاشلىدى، ئوڭ يولدىكى توپچى توپنى چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بەردى، پۇلىسىچ توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزدى، مۇسابىقە نەتىجىسى 0:1. ئارقىدىن پۇلىسىچ توپ كىرگۈزۈش جەريانىدا يارىلانغانلىقى ئۈچۈن مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئاخىرىدا يەنە مەيدانغا قايتىپ كەلدى.

41-مىنۇتىدا ئامېرىكا يەنە بىر ھۇجۇم قوزغاپ سول يولدىن تەپكەن بولسىمۇ لېكىن توپ كىرمىدى.

45 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئىككى كوماندا 5 مىنۇتلۇق قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

46-مىنۇتىدا قارشى تەرەپنىڭ بىر ئادىمى توپ تالىشىش جەريانىدا ئېغىر يارىلانغاچقا مەيداندىن ئالمىشىپ چۈشۈپ كەتتى.

47-مىنۇتىدا ئامېرىكا يەنە بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ لېكىن ئوفسايت بولغانلىقى ئۈچۈن ھېساب قىلىنمىدى.

كېيىنكى مىنۇتلاردا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ 0:1 ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

15 مىنۇتلۇق ئارام ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىككى كوماندا مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلدى، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلاندى!

20221130

كېيىنكى مەيدان باشلىنىپ ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى ياخشى بولدى، 48-مىنۇتىدا ئامېرىكا داۋاملىق قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونىغا كىرىپ توپنى تەپكەن بولسىمۇ توپ كىرمىدى.

51-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا توپ تاشلىدى، ئەمما ئۈسكەن ئادەم ئېگىز ئۈسسىۋېلىپ ياخشى پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالدى.


55-مىنۇتىدا ئامېرىكا كوماندىسى يەنە بىر ېقتىم ئىنتايىن خەتەرلىك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ لېكىن توپ كىرگۈزەلمىدى.

64-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ كوماندىسى ئامېرىكىنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا بۆسۈپ كىردى، شۇنداقلا ئىككىسى پاسلىشىپ ئىنتايىن چىرايلىق قاپقىغا تەپكەن بولسىمۇ لېكىن توپ قاپقا لىمى يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ ياخشى پۇرسەت قولدىن كەتتى.

67-مىنۇتىدا ئامېرىكا كوماندىسى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتكە ئۇچراپ ياخشى يەردىن ئىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ توپنى تېپىپ ئۆرلىتىۋەتتى.

73-مىنۇتىدا ئامېرىكا توپچىسى سارگېنتى توپ تالىشىپ ھاۋادىن يەرگە چۈشۈش جەريانىدا پۇتىنى قايرىۋېلىپ يارىلاندى ھەمدە مەيداندىن ئالمىشىپ چىقىپ كەتتى.

20221130

79-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ يەنە بىر قېتىم خەتەرلىك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ لېكىن پۇرسەتنى تۇتالمىدى.

81-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ چەكلەنگەن رايونى ئىچىگە توپ تاشلىدى، توپ تالىشىش جەريانىدا ئامېرىكا توپچىنىڭ قولغا توپ تەگكەن بولسىمۇ رېپىر نۇقتا توپ قويۇپ بەرمىدى.

86-مىنۇتىدا ئامېرىكا كوماندىسى نومۇر ئالىدىغان ئىنتايىن ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى.

90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئىككى كوماندا 9 مىنۇتلۇق قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

92-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ چىرايلىق بىر توپ ئۈسكەن بولسىمۇ توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.


95-مىنۇتىدا ئامېرىكا كوماندىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان قايتۇرما ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا قارشى تەرەپ توپچىسى مايكىسىدىن تارتىۋالغاچقا سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى.

98-مىنۇتىدا قارشى تەرەپ ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا بىۋاستە توپ تاشلىدى، تارىمى توپنى تېپىپ قاپقىچىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ لېكىن ئامېرىكا بېكى توپ كىرىشتىن بۇرۇن توپنى توسۇپ چىقىرىۋەتتى.

كېيىنكى مىنۇتلاردا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي ئامېرىكا كوماندىسى 0:1 نەتىجىدە غەلىبە قىلىپ شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.