دۇنيا لوڭقىسى: ۋېلش 3:0 ئېنگلاند، ئېنگلاند گۇرۇپپىدىن چىقتى

爱酷艺
2022-11-30
来源:新浪

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ A گۇرۇپپا 3-ئايلانمىسى 30-نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 03:00تە باشلاندى، ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن ۋېلش كوماندىسى ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى.

9-مىنۇتتا خاررى كېننىڭ ئۇدۇل پاس چىقىرىشى بىلەن راشفورد توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قاپقىغا ئۆزى يالغۇز يۈزلىنىپ توپنى كىرگۈزەلمىدى.

13-مىنۇتتا ئېنگلاند كوماندىسى سول يولدىن ئىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، فودېن قاپقا ئالدىدىن قايتقان توپنى تېپىپ چىقىرىۋەتتى.

16-مىنۇتتا خاررى كېن يىقىتىۋېتىلىپ ئېنگلاند كوماندىسى چەكلەنگەن رايون سىرتىدا يەنە بىر قېتىم ئىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، لۇك شاۋنىڭ تەپكەن توپى ئارقا نۇقتىغا چۈشۈپ، ماگۇير توپنى ئۈسسۈپ چىقىرىۋەتتى.

20-مىنۇتتا ئەمدىلا ساقىيىپ مەيدانغا چۈشۈشكە باشلىغان ۋوكېر ئارقىدىن پۇت سىلىنىپ يىقىتىۋېتىلدى.

21-مىنۇتتا ئېنگلاند كوماندىسى سول يولدىن ھۇجۇم قوزغاپ چەكلەنگەن رايونىغا كىردى، ھېندېرسون ئىنتايىن ياخشى بېرىلگەن پاسنى كەتكۈزۈپ ھۇجۇم پۇرسىتىنى يوق قىلدى.

24-مىنۇتتا خاررى كېننىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن راشفورد يەنە بىر قېتىم ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى، لېكىن توپ يەنىلا قاپقىچىدىن ئۆتەلمىدى.

30-مىنۇتتا ئېنگلاند كوماندىسى ئوڭ يولدىن ھۇجۇم قىلىپ، ماگۇير توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە كىردى ھەمدە توپنى تېپىپ ئۇچۇرىۋەتتى.

34-مىنۇتتا ۋېلش كوماندىسىدىن نېكو ۋىليامس يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، 14-نومۇر روبېرتس مەيدانغا چۈشتى.

37-مىنۇتتا فودېن ئوڭ يولدىن توپ ئېلىپ ئېنگلاند كوماندىسى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئىنتايىن ياخشى پاسلاشقاندىن كېيىن فودېن توپنى قاپقىغا تەپدى، لېكىن توپ يەنىلا ئېگىز چىقىپ كەتتى.

38-مىنۇتتا راشفورد قاپقا ئالدىدا تەتۈر ئىلمەك توپ تېپىپ مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى، ئەپسۇس توپ يەنىلا كىرمىدى.

42-مىنۇتتا ماگۇير ئارقا مەيداندىن ئۇزۇن پاس چىقاردى، فودېن توپقا يېتىشەلمىگەن بولسىمۇ يەنىلا توپنى تېپىپ چىقىرىۋەتتى.

47-مىنۇتتا ئېنگلاند كوماندىسى بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ستونېسنىڭ تەپكەن توپىنى ۋېلش قاپقىچىسى ئىككىلەنمەيلا تۇتۇۋالدى.

49-مىنۇتتا جو ئالېن چەكلەنگەن رايون سىرتىدا توپنى تېپىپ ئېگىز چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان 0:0 نەتىجىدە ئاياغلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلاندى!!! ۋېلش كوماندىسى كاپىتانى بېل مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، 9-نومۇر جونسون مەيدانغا چۈشتى.

49-مىنۇتتا ئېنگلاند كوماندىسى ئىختىيارى توپ پۇرسىتىدە توپ كىرگۈزدى، راشفورد چەكلەنگەن رايونغا يېقىنلا يەردىكى ئىختىيارى توپنى بىۋاستە قاپقىغا كىرگۈزدى، نەتىجە 1:0.

51-مىنۇتتا خاررى كېننىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن فودېن توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى، ئېنگلاند كوماندىسى ئىككى مىنۇتقا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئىككى توپ كىرگۈزدى، نەتىجە 2:0.

54-مىنۇتتا دانىئېل جامېس سول يولدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ تەھدىت پەيدا قىلدى.

56-مىنۇتتا ۋوكېر، خاررى كېن ۋە رىس مەيداندىن چۈشۈپ، ئارنولد، ۋىلسون، فىلىپس قاتارلىق توپچىلار مەيدانغا چىقتى.

68-مىنۇتتا ھېندېرسوننىڭ ئۇزۇن پاس چىقىرىشى بىلەن راشفورد توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايونى ئىچىگە كىردى ھەمدە مۇداپىئەچىنى ئالداپ ئۆتكەندىن كېيىن توپنى تېپىپ قاپقىغا كىرگۈزدى، نەتىجە 3:0.

75-مىنۇتتا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن راشفورد مەيداندىن چۈشۈپ، 7-نومۇر گىرالىش مەيدانغا چۈشتى.

76-مىنۇتتا ئېنگلاند كوماندىسى تېز ھۇجۇم قوزغاپ، بېللىڭھامنىڭ تەپكەن توپى توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ تېپىپمۇ كىرگۈزەلمىدى، فودېنمۇ توپقا ئۆزىنى ئېتىپمۇ تەھدىت پەيدا قىلالمىدى.

82-مىنۇتتا ۋېلش كوماندىسى چەكلەنگەن رايونغا يېقىن جايدا ئىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ۋىلسون تەپكەن توپ ھېچقانداق تەھدىت پەيدا قىلالمىدى. ئارقىدىنلا ۋېلش كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ ئېنگلاند كوماندىسىغا قايتا-قايتا تەھدىت سالدى.

86-مىنۇتتا مورنىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدا تەپكەن توپى ئېگىز چىقىپ كەتتى.

90-مىنۇتتا ئېنگلاند كوماندىسى بۇلۇڭ توپ باشلاپ ستونېس توپنى ئۈسسۈپ كىرگۈزۈشكە ئازلا قالدى، ئەپسۇس توپ چىقىپ كېتىپ قالدى.

قوشۇپ بېرىلگەن تۆت مىنۇتلۇق ۋاقىت توشۇپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، ئاخىرىدا ئېنگلاند كوماندىسى 0:3 نەتىجە بىلەن ۋېلش كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدا بىرىنچى ئورۇندا شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ۋېلش كوماندىسى شاللىنىپ كەتتى!!!