بىرۇنو فېرناندېس: مېنىڭ نىشانىم رونالدوغا پاس بېرىش ئىدى

ئەلكۈيى
2022-11-29
来源:微博

دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا، پورتۇگالىيە كوماندىسى 0:2 ئۇرۇگۋاي كوماندىسى، مۇسابىقىدىن كېيىن، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى بىرۇنو فېرناندېس تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 53 مىنوت بولغاندا، بىرۇنو فېرناندېس تەرەپ سول تەرەپتىن توپ باشلىدى، رونالدو ئوتتۇرىدىن ئىگىز ئۆرلەپ ئۈسمەكچى بولدى، ئاخىرىدا توپ قاپقىغا كىردى، ئەڭ ئاخىرىدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ توپ كىرگۈزگەن ماھىرنىڭ بىرۇنو فېرناندېس ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى، گەرچە ناھايىتى يېقىنلاشقان بولسىمۇ، رونالدو توپقا تەگمىدى.

مۇسابىقىدىن كېيىن، بىرۇنو فېرناندېس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن ئەينى ۋاقىتتا كىرىستىيانو كىرگۈزگەن توپ دەپ ئويلاپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ تەبرىكلىدىم، ئۇ توپنى ئۈسكەندەك كۆرۈندى، ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ نىشانىم ئۇنىڭغا پاس بېرىش ئىدى. لېكىن مەيلى قايسى ئادەم توپ كىرگۈزسۇن، ھەممىسى ئوخشاش. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھۇجۇمچىنىڭ توپ كىرگۈزۈشى تېخىمۇ مۇھىم، لېكىن مۇھىمى بىز نىشانىمىزغا يەتتۇق، قانداقلا بولمىسۇن، بىز غەلىبە قىلغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشال.

بىز رونالدونىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، پورتۇگالىيەلىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ھەممىمىز دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.»