مېسسى مېكسىكىغا ھاقارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مېكسىكا بوكس شاھى غەزەبلەندى

ئەلكۈيى تورى
2022-11-29
来源:直播8


11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئارگېنتىنا كوماندىسى 0:2 نەتىجىدە مېكسىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە تەلۋىلەرچە تەبرىكلەش ئېلىپ باردى، مېسسىنىڭ بىر ھەرىكىتى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى.

مېسسى سەپداشلىرى بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ تەبرىكلىگەن، شۇنداقلا ئۇ مېكسىكىنىڭ كىيىمىگە ئوخشايدىغان نەرسىنى بىرنى تەپكەن. بۇ مېكسىكا توپ مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، ھەتتا مېسسىنىڭ مېكسىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن پولنى سۈرتكەنلىكى توغرىسىدىكى گەپلەرمۇ تارقالغان.

مېكسىكىلىق بوكس شاھى ئاۋارېزمۇ مېسسىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ: «ئۇلار مېسسىنى بىزنىڭ مۇسابىقە كىيىمىمىز ۋە دۆلەت بايرىقىمىز بىلەن پول سۈرتىدۇ دېدى، ئەڭ ياخشىسى مەن ئۇنداق بولغانلىقىنى بىلىپ قالماي، خۇددى مەن ئارگىنتىناغا ھۆرمەت قىلغاندەك، ئۇمۇ مېكسىكىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، مەن دۆلەتنى ئەمەس، مېسسىنى دەۋاتىمەن.» دېدى.