پورتۇگالىيە كوماندىسى ئىككىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىدا جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-11-29
来源:zhibo8

دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، پورتۇگالىيە كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى يەڭدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقە پورتۇگالىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىشى بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىقى 1966-يىلىغا توغرا كېلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا 1:3 نەتىجىدە بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.

بۈگۈن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن، پورتۇگالىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىلىرى بىلەن ئىككى مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرغان.