شىنجاڭلىق ماھىر مارافونچە يۈگۈرەشتە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-11-06
来源:بېيجىڭ گېزىتى

QQ20201127-0.gif

شىنجاڭلىق تەنھەركەتچى ئانۇبەك قۇۋان 2022-يىللىق بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى



ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: 11-ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان، 2022-يىللىق بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقسىدە شىنجاڭدىن كەلگەن تەنھەركەتچى ئانۇبەك قۇۋان 2سائەت 14 مىنۇت 34 سېكۇنتلۇق يۈگۈرۈش نەتىجىسى بىلەن ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە چىمپيۇن بولدى ،بۇ نەتىجە ئارىدىن 20يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، جۇڭگونىڭ   بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقسى ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە 7 - قېتىم چېمپىيون بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.   ياڭ چۈنلۇڭ ، خې جيېلار 2- ، 3-لىككە ئېرىشتى. ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە شيا يۈيۈ چىمپيون بولدى .

2019-يىلىدىكى بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا ، بۇ يىل چەتئەللىك ماھىرلار مۇسابىقىگە قاتناشمىدى ، لېكىن تەشكىلىي كومىتېت دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن سەرخىل تەنھەرىكەتچىلەرنى تەكلىپ قىلدى.


ئەلكۈيى تەھرىرىنىڭ ئېگەللىشىچە، 24 ياشلىق ئانۇك قۇۋان شىنجاڭ ئىلىدىن كەلگەن ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالتىنچى يىللىقىدىن باشلاپ يېنىك ئاتلېتىكا مەشىق قىلغان ، 2013 - يىلى ۋە 2014 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە ئۇدا چېمپىيون بولغان. ئۇ ئىلگىرى شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىدا مەشىق قىلغان ، كېيىن يەنە بېيجىڭ يۈەندۇدىكى يېنىك ئاتلېتىكا كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ مەشىق قىلغان.

بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى (IAAF) نىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن ، جۇڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولۇپ، 2008 - يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئالتە يىل خەلقئارا يېنىك ئاتلىتكا بىرلەشمە يولىدا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشكەن. بۇ مۇسابىقە 1981 - يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن ، ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزىلىدۇ ، ئەسلى نامى بېيجىڭ خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ، باشقا يۇقىرى سەۋىيەلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ، 2010 - يىلى ئالاھىدە ھازىرقى نام بىلەن ئاتالغان.

بۇ نۆۋەتلىك بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى تيەنئەنمېن مەيدانى ، ئاخىرقى نۇقتا ئولىمپىك ئورمان باغچىسى مەنزىرە چوڭ يولى ، ئومۇمىي مۇساپىسى 42.195 كىلومېتىر. بۇ يىل بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزىلىۋاتقانلىقىنىڭ   40 يىللىقى ، بۇ نۆۋەتلىك شىمالىي   مۇسابىقە يۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئاستىدا ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ، تەشكىلىي كومىتېت دۇنيا يېنىك ئاتلىتكا بىرلەشمىسى سەرخىللار مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو يېنىك ئاتلىتكا جەمئىيىتى ئالتۇن مېدال مۇسابىقىسى ئۆلچىمى بويىچە تۈرلۈك تەشكىلات خىزمىتىنى تاماملايدۇ.

未标aptv题-1.jpg