رىۋايەتلىك ۋارىتا كاسىلياس ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-10-09
来源:جىبوبا تورى

QQ20201127-0.gif

ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى تەرجىمىسى:ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە   خانلىق مادرىد كولۇبىنىڭ رىۋايەتلىك ۋارىتاسى كاسىلياس بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كاسىلياس بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ : «مەن سىلەرنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن : مەن ھەمجىنىس» دېدى. ئارقىدىنلا بارسېلونانىڭ   كونا سەركەردىسى پۇيور : «بىزنىڭ ھېكايىمىزنى سۆزلەيدىغان ۋاقىت كەلدى، ئىكېر ( كاسىلياس )» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا پۇيور يەنە بىر مېھرىبانلىق ۋە تۇغقانچىلىق چىراي ئىپادىسىگە جاۋاب قايتۇردى.


2009-يىلى، كاسى بىلەن بۇرۇنقى خوتۇنى سارا مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان، 2021-يىلى كاسىلياس بىلەن سارا ئايرىلىپ كەتكەن، ئىككىسىنىڭ ئىككى بالىسى بار. 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كاسىلياسنىڭ سارانى سۆيگەن كۆرۈنۈشىنى نادىر كۆرۈنۈش دېيىشكە بولىدۇ.

كاسىلياس بۇ يىل 41 ياشتا بولۇپ، كەسپى ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى خانلىق مادىرىدتا ئۆتكۈزگەن. كاسىلياس ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق باشلىقى، ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن بىللە 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپيونى بولغان.