10- ئاينىڭ 6- كۈنى شىنجاڭدا يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 96سى يېڭىدىن كۆپەيدى

ئەلكۈيى تورى
2022-10-07
来源:شىنجاڭ گېزىتى

10- ئاينىڭ 6- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 96سى يېڭىدىن كۆپەيدى

 10- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆپەيمىدى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 96سى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 10ى، سايباغ رايونىدا 6سى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 6سى، شىمىگو رايونىدا 9ى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 4ى، مىدۇڭ رايونىدا 10ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 25ى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە 6سى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 9ى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 11ى بار.

 10- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 29ىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

 10- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالى 0؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچى 506؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 1.

 پايدىلانغان مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى