ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت 96 يېشىدا ۋاپات بولدى

爱酷艺网
2022-09-09
来源:央视新闻

QQ20201127-0.gif

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى،ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيە بۇككىنخام ئوردىسى 8-چېسلا، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت نىڭ شۇ كۈنى 96 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيە خان جەمەتى ھۆكۈمەت تەرەپ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇككىنخام ئوردىسىدا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت نىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەلىئەھدى چارلىز دەرھال تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ ئەنگلىيە پادىشاھى بولغان.

资料图:查尔斯。

شاھزادە چارلېس 1948-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت بىلەن ئېرى شاھزادە فىلىپنىڭ چوڭ ئوغلى، شۇنداقلا ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى ۋارىسى ئىدى. ئۇ ئەنگلىيە تارىخىدىكى تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان تەخت ۋارىسى.

ئەنگلىيە خان جەمەتى باياناتىدا ئايال پادىشاھنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ يازغان: « پادىشاھ چارلېس ۋە خانىش كامىلە بۈگۈن كەچتە بالمورېلدا قالىدۇ، ئەتە لوندونغا قايتىدۇ. ».

« مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 73 ياشلىق چارلىز ھازىر ئەنگلىيە پادىشاھى بولغان. چارلىز ئىزچىل ئەنگلىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، 1952-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، چارلىز دۇنيا بويىچە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئەڭ ئۇزاق كۈتۈپ تۇرغان ۋەلىئەھد.

كامىلەنىڭ ئورنى توغرىسىدا، بۇ يىل 5-فېۋرال، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت تەختكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ۋەلىئەھدى چارلىز پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خوتۇنى كامىلانىڭ خانىش نامىغا ئېرىشىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلزابىت (تولۇق ئاتىلىشى: HMajesty Queen Elizabethh) ، 1926-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ياشىغان) ، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى، ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى، پارلامېنتنىڭ ئالىي رەھبىرى، ۋاپات بولغان ئەنگلىيە پادىشاھى گېئورگى نىڭ چوڭ قىزى .

تولۇق ئاتىلىشى«   بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى، شۇنىڭدەك باشقا زېمىن ۋە بېقىندى جايلارنىڭ ئايال پادىشاھى، ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ دۆلەت باشلىقى، خىرىستىيان دىنىنىڭ قوغدىغۇچىسى

ئېلزابىت2. 1952-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تەختكە ئولتۇرغان، 1953-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تاج كىيگەن، ئەنگلىيەدە تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن پادىشاھ.




素材1.jpg

未标aptv题-1.jpg未标题aptv1-2.jpg