قارا قول ئادۋۇكات ئۇيغۇرچە 19-قىسىم ئەلكۈيىدە ئېلان قىلىندى

ئادىلە
2022-08-28
来源:ئەلكۈيى ئەپ دىتالى

WechatIMG79.jpeg


微信图片_20220828222604.jpg

   بۈگۈن ئوخشاش ۋاقىتتا لى جۇڭشۇ باش رول ئالغان نادىر تىياتىر «قارا قول ئادۋۇكات»   10-قىسىم (ئۇيغۇرچە 18-,19-قىسىم) ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى كىنو قانىلىدا يېڭىلاندى،20-قىسىم ئەتە ئەتتىگەندە داۋاملىق ئەڭ تېز ھالەتتە ئەلكۈيىدە يېڭىلىنىدۇ، بۇ تىياتىرنىڭ ۋەقەلىكى تېخىمۇ ئادەمنى قىزىقتۇرۇپ، تور دۇنياسىدا چوڭ چاشقان زادى كىم دېگەن پەرەز قىزىق نوقتىغا چىقتى،ۋەقەلىك بىلەن بىرلىكتە   كىشىلەر يەنە كىمنىڭ چوڭ چاشقان ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.ھازىرقى پەرەزدە شەھەر باشلىقى ياكى تۈرمە باشلىقىنىڭ چوڭ چاشقان بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ ، يەنە تېخى ئەمەلىيەتتە چوڭ چاشقان مەۋجۇت بولماسلىقى ، ھوقۇقدارلارنىڭ قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويۇنى بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ مۇمكىن دېگەن قاراش پەيدا بولىۋاتىدۇ.

چوڭ چاشقاننىڭ كىملىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ قالدى، لېكىن بۇ تىياتىرنى چوڭقۇر كىرىپ كۆرۈۋاتقان كۆرۈرمەنلەر بەلكىم بەزى نۇقتىلاردىن گۇمانلانغان بولۇشى مۇمكىن: تىياتىرنىڭ ئەڭ بېشىدا نېمە ئۈچۈن ئالتۇنلارنى سېمونت لاي بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ؟ شەھەر باشلىقى بىلەن بوۋايدا قانداق ئۆچ-ئاداۋەت بار؟ پاك چاڭخو قانداق بولۇپ بۇ سۇيىقەستلەرگە چېتىلىپ قالدى؟ نېمە ئۈچۈن قولىدا چاشقاننىڭ چەكمىسى بار كىشىلەر پاك چاڭخونى قۇتقۇزىدۇ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب لازىم، شۇنداقلا بۇ جاۋابلار بۇ تىياتىردىكى ھەقىقىي چوڭ چاشقانغا بىۋاستە چېتىشلىق!

شەھەر باشلىقى بىلەن بوۋاي؟ ئۇلارنىڭ ئاداۋىتى نېمە ئۈچۈن چوڭ چاشقان بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ چۈنكى بوۋاي شۇ شەھەردىكى ئەڭ مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ، ئەمما شەھەر باشلىقى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى ئويلىدى، نېمە ئۈچۈن؟ پاك چاڭخونى شەھەر باشلىقى سۆرەپ كىرگەن، نېمە ئۈچۈن؟ پاك چاڭخونىڭ ئەگەشكۈچىسى جېررى ئۇنى قۇتقۇزىمەن دەپ ھاياتىدىن كىچىشتىنمۇ يالتايمىدى، نېمە ئۈچۈن؟ پاك چاڭخو «مەن چوڭ چاشقان پاك چاڭخو» دەپ بىۋاستە تارقىتىشقا چىقتى، نېمە ئۈچۈن؟ ئەڭ ئاخىرقى بىر سوئال، پاك چاڭخو دوختۇرخانىغا سولاپ قويۇلغاندا ئالتۇننىڭ ئورنىنى توغرا دەپ بېرەلى، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

ئەمەلىيەتتە تورداشلار پەرەز قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەممىسى خۇددى كىچىك چاشقانغا ئوخشايدۇ، چوڭ بىر خۇجايىن ئۈچۈن ئىشلەۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، لى جۇڭشو باش رول ئالغان«قارا قول ئادۋۇكات» بۇ يىلدىكى پەرەز قىلىش ئەڭ تەس بولغان گۇمانلىق تىياتىرنىڭ ئالدى دېيىشكە بولىدۇ . 10-قىسىم( ئۇيغۇرچە 19-قىسىم)دا، چاڭخاۋ   چوڭ چاشقان بىلەن كۆرۈشمەكچى كۆرۈشەلمىسە، ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن كىشى پۈتۈنلەي ئۇنى ھەيران قالدۇرغان كىشى بولۇپ، ئۇ بۇ كىشىنى كۆرۈپ تۇلىمۇ ھەيران قالىدۇ.ئۇنداقتا يەنە بىر سۇئال چوڭ چاشقان زادى كىم؟

چاڭخاۋ سېپى ئۆزىدىن بىر گۇناھسىز   ئادەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان كاتتا شەخس ئىدى. كۇڭ مۇدىر ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغىلى تاس قالدى، زەھەر چېكىشتەك يامان نام بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى. شەھەر باشلىقى ئۆزى كونترول قىلالايدىغان بىر قىسمىنى ئاستىرتتىن كونترول قىلىپ، ئىزچىل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چاشقان ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كەلدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۆزىنى ئاشكارىلىمىغان بۇ چاشقان زادى كىم؟

چاڭخاۋ چوقۇم شۇنى بىلىشى كېرەككى، ھەقىقىي چاشقاننى تېپىپ چىققاندىلا، ئۇ ئاندىن پۈتكۈل ئۆزىگە چاپلىشىۋالغان ۋەزىيەتتىن قۇتۇلالايدۇ.

چوڭ چاشقان بەلكىم بىز ئويلىغاندەك ەسكى ئادەم بولۇشى ناتايىن، لېكىن ئۇ چوقۇم ناھايىتى ئەقىللىق، خۇددى مۇناسىۋەتسىز ئادەم ھەممىنى كونترول قىلىۋاتقاندەك، يەنە تاسادىپىي ھەممە ئۇنىڭ ئالقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئېنىقكى چوڭ چاشقان ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە   ئىنتايىن مۇھىم، بەلكىم ئۇنىڭ ئاق-قارا ئىكەنلىكىنى مۇشۇ ماقالە سەۋەبلىك ئايدىڭلاشتۇرغۇلىشى بولىشى مۇمكىن ،تىياتىر ھەققىدە مۇلاھىزە ئۈزۈلمەيدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ تىياتىرنىڭ ئەڭ يېڭى مەزمۇنلىرى ھەر كۈنى ئەلكۈيى ئەپ دىتالىدا ، ئەلكۈيى سالونى ۋە ئەلكۈيى كىنو قانىلىدا داۋاملىق تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلىدۇ.