خەتىرى تۆۋەن رايونلار نېمىشقا نورمال ئېچىۋېتىلمەيدۇ؟

ئەلكۈيى تورى
2022-08-24
来源:مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى

QQ20201127-0.gif

23-ئاۋغۇست كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن قادىر مۇخبىرلار سورىغان «بەزى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 22-ئاۋغۇست ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇقتىلىق شەھەر رايونىدا تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇش بىكار قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن بولغان نۇرغۇن رايونلار نېمىشقا نورمال ئېچىۋېتىلمەيدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بىر مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن، يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلىنىپ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا بىر قەدەر كەسكىن، تۈرلۈك ئېنىقسىز ئامىللار ۋە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر ئەھۋاللىرى يەنىلا بىر قەدەر كۆپ.

بىرىنچىدىن، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلار سانى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار سانى يەنىلا 40تىن كۆپ ئېشىۋاتىدۇ، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رايونى ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن، جەمئىيەتتە ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى بىمارلار بايقىلىۋاتىدۇ، بەزى نۇقتىسىمان تارقالغان يۇقۇمنىڭ مەنبەسى تېخى ئېنىق ئەمەس، تارقىلىش زەنجىرى تېخى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈلمىدى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدا يەنىلا بىر قەدەر چوڭ خەتەر مەۋجۇت.
ئۈچىنچىدىن، يېقىندا قىسمەن مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار ۋە تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلغۇچىلاردا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئۇلار تۇرۇشلۇق رايوندا داۋاملىق يۇقۇم كۆرۈلۈشنىڭ ئېھتىماللىقى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ.
تۆتىنچىدىن، جەمئىيەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قىسمەن كىشىلەر تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدە ئۆيدىن چىقماسلىق، ئۆي يوقلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرمىغاچقا، بىر قىسىم مەھەللىلەردە يېڭىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، يۇقۇمنى تۈگىتىش مەزگىلى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى.
بەشىنچىدىن، گوۋۇيۈەننىڭ «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى (9-نۇسخا)»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىر رايوندىكى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى، ئوتتۇرھال رايونلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن 22-ئاۋغۇستقىچە، پۈتۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنىلا خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايوندىن 104ى، خەۋپ-خەتىرى ئوتتۇرھال رايوندىن 179ى بار. بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر يېنىكلىك بىلەن ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلسە، ئېنىقلا ئەتراپتىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىش خەتىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرىنى بىكار قىلىش ھەرگىزمۇ خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس، بۇنىڭدا يەنىلا يۆتكىلىشنى ئازايتىشقا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۈمىدى بىلەن بەلگىلىك پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن، بىز شەھەر ئاھالىلىرىدا چوقۇم سەگەك تونۇش، ئاقىلانە روھىي ھالەتنىڭ بولۇشىنى، «تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇشنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك قويۇۋېتىش» تەدبىرىنى تولۇق چۈشىنىشىنى، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىلىرىنى بىز بىلەن بىرلىكتە مۇستەھكەملەپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

素材1.jpg未标333题-4.jpg