دىلرابانىڭ توختامى پات ئارىدا ئاخىرلىشىدۇ

2022-08-24
来源:爱酷艺

ورى تەرجىمىسى:

جياشىڭ مېدىياسى تاماشا ساھەسىدىكى داڭلىق ۋاستىچىلىك شىركىتى بولۇپ، ياڭ مى (杨幂)نىڭ يېتەكچىلىكىدە شانلىق ھالەتكە يېتىپ، داڭلىق «مى جەمەتى قوشۇنى»نى شەكىللەندۈرگەن. كېيىن بىراقلا دىلرابا (迪丽热巴)، جاڭ يۈنلوڭ (张云龙)، گاۋ ۋېيگۇاڭ (高伟光)، جاڭ بىنبىن (张彬彬)، جۇ شۈدەن (祝绪丹)، خۇاڭ مېڭيىڭ (黄梦莹)، ليۇ رۇيلىن (刘芮麟) قاتارلىق ياش ئارتىسلار بىلەن توختاملاشقان. ھازىر بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نام چىقىرىپ، تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئالقىشلىق چولپانغا ئايلانغان.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ توختامىنىڭمۇ ئارقا-ئارقىدىن ۋاقتى توشۇپ قالدى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە جاڭ بىنبىننىڭ توختام مۇددىتى توشۇپ، ئورگان تەرەپ ئۇنىڭ جياشىڭ مېدىياسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

جاڭ بىنبىننىڭ 2012-يىلى قويۇلغان «مىكرو دەۋر» (微时代)دىكى رولى ياخشى باھاغا ئېرىشىپ، جياشىڭ مېدىياسى بىلەن توختام ئىمزالىغان. ئوخشاشلا دىلرابامۇ 2012-يىلى «مىكرو دەۋر» (微时代)دىكى قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى ياخشى باھارلارغا ئېرىشىپ، جياشىڭ مېدىياسى بىلەن توختام ئىمزالىغان.

جاڭ بىنبىننىڭ توختام مۇددىتى توشۇپ، ئاللىبۇرۇن جياشىڭ مېدىياسىدىن ئايرىلدى. دىلرابانىڭ توختام مۇددىتىمۇ پات ئارىدا توشىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ نەگە بارىدۇ؟ تاماشا چەمبىرىكىدىكى 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان غۇنچىلارنىڭ سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئىش چوقۇم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

دىلرابا بولسا ياڭ مى بىر قوللۇق يېتىشتۈرۈپ، ئالقىشقا ئىرىشتۈرگەن يېڭى ئارتىس، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل تاشقى قىياپىتىگە ۋە ياڭ مى تەمىنلىگەن ياخشى كىنو-تېلېۋىزىيە مەنبەسىگە تاينىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن. مەسىلەن، «زاماندىن ھالقىغان رىشتە»(三生三世十里桃花)، «زاماندىن ھالقىغان رىشتە ياستۇق ئۈستىدىكى كىتاب»(三生三世枕上书)، «چىرايلىق لى خۇيجېن»(漂亮的李慧珍) قاتارلىقلار. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياڭ مىنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، دىلرابانىڭ ھازىرقى نەتىجىلىرى بولمىغان بولاتتى.

دىلرابا جياشىڭ مېدىياسىدا داۋاملىق قېلىپ قالسا، ھەر ئىككىلى تەرەپ ئۈچۈن ياخشى تەرىپى بار، شىركەتنىڭ كونا ئادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىلرابا ئەگەر جياشىڭ مېدىياسىدا داۋاملىق قېلىپ قالسا، شىركەتكىمۇ پايدىسى بار. دىلرابانىڭ ھازىرقى ئالقىشلىق دەرىجىسى بىلەن داۋاملىق توختام ئىمزالاشنى تاللىسا جياشىڭ مېدىياسى ئۈچۈن بىر ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا، سىرتقا نىسبەتەن جياشىڭ مېدىياسىنىڭ يۈزى ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا دىلرابانىڭ يېتەرلىك سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بولىدۇ، يەنى ۋاستىچىلىك شىركىتىگە تايىنىپ ئىشلارنى ياخشى بېجىرگىلى بولىدۇ.

جياشىڭ مېدىياسىدا قالماي كېتىپ قالسا، بۇنىڭمۇ دىلرابا ئۈچۈن ياخشى تەرىپى بار. دىلرابانىڭ داڭق چىقارغاندىن كېيىنكى فىلىم مەنبەلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ جياشىڭ مېدىياسىغا ناھايىتى ئاز تايانغان، ئەلۋەتتە داۋاملىق بىرسىگىلا تايىنۋىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ياخشى ۋاستىچىلىك شىركىتىگە ئالماشسا شىركەتنىڭ ھەر خىل ياخشى فىلىم مەنبەلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ، دىلرابانىڭمۇ ئالقىشلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئەلۋەتتە سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، ياخشى فىلىم مەنبەلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ. ياخشى فىلىم مەنبەلىرى كۆپ بولسا، سەنئەتكارلارنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن دىلرابانىڭمۇ يېشىمۇ چوڭىيىپ قالدى، ئۇمۇ بىر مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتىغا موھتاج.

ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنلىرىمىز، پەقەت قارىغۇلارچە كۆڭۈل بۆلۈش خالاس، بۇ دىلرابانىڭ ئىشى، سىرتقى دۇنيا بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دىلرابانىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. كېتىش ۋە قېلىشقا ئۇ ئۆزى قارار چىقىرىدۇ. ئون يىل ھەمكارلاشقان ۋاستىچىلىك شىركىتىگە دىلرابانىڭ چوقۇم مېھرى بار.

يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، خۇددى جاڭ بىنبىن ئېيتقاندەك «بالا چوڭ بولسا، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرگۈسى كېلىدۇ» بۇمۇ چۈشىنىشكە بولىدىغان ئىش.

ئاخىرىدا مەيلى كەتسۇن ياكى قالسۇن، يەنىلا دىلرابا كۆپچىلىككە ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ.