باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

ئەلكۈيى تورى
2022-08-21
来源:智慧健康乌鲁木齐

00352383300_077a74f2.jpgQQ20201127-0.gif

يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: يېقىندا، نۇقتىلىق شەھەر رايونىنى تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدە، كەڭ شەھەر ئاھالىسى، ئامما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تولۇق چۈشىنىپ، پائال ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا پائال تۆھپە قوشتى. ئەمما قىسمەن كىشىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش ئومۇمىيلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى. ھازىر ئاساسىي قاتلامدا بىر تەرەپ قىلىنغان بىر قانچە دېلو مىسالىنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

.1 ما XXفامىلىلىك (ئەر، 20 ياش، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونىدا ۋاقىتلىق تورىدۇ) 8-ئاينىڭ 9-كۈنى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونغا كېلىپ ۋاقىتلىق تۇرغان، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى تېنچ ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىگە ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرمىغان ھەمدە 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە بىر تۇتاش تەشكىللەنگەن خېسۈەن تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يوشۇرۇن تارقىلىش خەۋپى ساقلانغان.

2.ئە XXئەر، 53 ياش، تىيانشان رايونىدا تۇرىدۇ ، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆيىدە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، رۇخسەتسىز ئۆز مەيلىچە بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ، مەھەللە پىدائىيلىرىنىڭ توسۇشى ۋە نەسىھەت قىلىشىغا قارىماي، ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بارغان ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى بىلەن تالاش-تارتىش قىلغان، ئۇنىڭ ھەرىكىتى جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، يۇقۇم تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

3. خۇ فامىلىلىك (ئەر، 24 ياش، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تۇرىدۇ) ، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تېنچ ھالەتتە باشقۇرۇۋاتقان ئولتۇراق رايون ئىچىدىن تامدىن ئارتىلىپ سىرتقا چىققان، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر تەرىپىدىن پاش قىلىنغان. ئۇنىڭ ھەرىكىتى جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ماۋXX (ئەر، 66 ياش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا تۇرىدۇ) ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ئەسكەرتىشىگە پەرۋا قىلمىغان، 8-ئاينىڭ 19-كۈنى يەنىلا پەسكە چۈشۈپ ئولتۇراق رايون ئىچىدە لاغايلاپ يۈرگەن. ئۇنىڭ ھەرىكىتى تېنچ ھالەتتىكى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. جوڭ فامىلىلىك ئايال، 51 ياش، سايباغ رايونىدا تۇرىدۇ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا مەھەللە كومتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمايدۇ، 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سىرتقا چىقىپ ئەخلەت تۆكىدۇ ھەمدە ھويلىدا لاغايلاپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان يۇقىرىقى خادىملار مەجبۇرىي ھالدا مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسىغا ئاپىرىلىدۇ، ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلدە خىراجەتنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ، شۇ كىشى شەھەر بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

نۆۋەتتە، شەھىرىمىزدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسى دوستلارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شەخسىي يۇقۇم مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەھەللە (كەنت) لەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى قوللاپ، شەھىرىمىزدىكى تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىلىرىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق شتابى

2022-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى


关于违反防疫管理规定的通报


近日,在重点城区静态管理期间,广大市民群众充分理解、积极配合疫情防控工作,自觉遵守疫情防控有关规定,为全市打好疫情防控阻击战作出了积极贡献。但也有个别人违反疫情防控规定,造成社会不良影响,妨害疫情防控大局。现将基层处理的几起案例通报如下:

       1马某(男,20岁,暂住高新区)89日来高新区某小区暂住,810实行静态管理,未及时向该居住地社区报备,并且810日至816日一直未参加统一组织的核酸检测,违反疫情防控有关规定,存在疫情隐匿传播风险。

       2艾某(男,53岁,住天山区)818日在家中饮酒后,未经允许擅自下楼不顾社区志愿者阻拦和劝导,前往小区大门与防疫人员发生争执,其行为妨害社会管理秩序,造成疫情传播风险。

       3、虎某(男,24岁,住高新区)818日夜间擅自从静态管理的小区内翻墙外出被小区居民举报行为妨害社会管理秩序,造成疫情传播风险。

       4、毛某军(男,66岁,住经开区)罔顾社区多次提醒,819仍然下楼在小区内闲逛。其行为违反静态管理规定造成疫情传播风险。

       5、钟某英(女51岁,住沙依巴克区)在社区工作人员多次提醒的情况下,仍然不服从社区组织管理,819日擅自外出下楼倒垃圾,在院内闲逛。其行为妨害社会管理秩序,造成疫情传播风险。

       上述违反防疫有关规定的人员,已被强制送至集中隔离点隔离,隔离期间费用自理本人纳入全市失信人员名单。

       当前,全市疫情防控形势依然严峻请各族市民朋友增强法治意识、风险防范意识,履行个人防疫责任,自觉遵守疫情防控相关规定,服从社区(村)疫情防控管理,支持基层疫情防控工作,共同维护全市来之不易的防疫成果



乌鲁木齐市新型冠状病毒肺炎

疫情防控工作指挥部

2022821



素材1.jpg

未标333题-4.jpg