8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى شىنجاڭنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

爱酷艺网
2022-08-13
来源:天山网

QQ20201127-0.gif

8-ئاينىڭ 12-كۈنى   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

تىيانشان تورى خەۋىرى، ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار 2 گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە بىر، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا بىر، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچى 334، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 126، غۇلجا ناھىيەسىدە 30، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا سەككىز كىشى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە 42 كىشى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخۇ شەھىرىدە 12، دۆربىلجىن ناھىيەسىدە 3، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدىن 16 كىشى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 19، سايباغ رايونىدا 41، شۈموگو رايونىدا 10، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا بەش، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئۈچ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرىدىن بىر كىشى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدە ئىككى كىشى ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە ئالتە كىشى ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىن ئۈچ كىشى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە ئۈچ كىشى، يەكەن ناھىيەسىدە ئۈچ كىشى، قاغىلىق ناھىيەسىدە بىر كىشى بولۇپ ،بۇلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ تېببىي كۆزىتىش ئېلىپ باردى. يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىدىن ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغىنى ئىككى كىشى بولۇپ،بۇلار تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرىدە.

12-ئاۋغۇست سائەت 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەل ئۈچ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدىن بىر كىشى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە بىر، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا بىر كىشى (ئېغىر تىپلىق) ، ھازىر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1647 ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 944، غۇلجا ناھىيەسىدە 144، نىلقا ناھىيەسىدە تۆت، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخۇ شەھىرىدە 13 كىشى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدە ئۈچ كىشى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا 24 كىشى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە يەتتە، پوسكام ناھىيىسىدە ئالتە، قاغىلىق ناھىيىسىدە بەش، يەكەن ناھىيىسىدە ئۈچ، بورتالا ئوبلاستى، بورتالا شەھىرىدىن 11 كىشى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە ئىككى، باي ناھىيەسىدە يەتتە، كۇچا شەھىرىدە ئىككى، توقسۇ ناھىيەسىدە بىر، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونىدا يەتتە، تىيانشان رايونىدا 85، سايباغ رايونىدا 88، يۇقىرى يېڭى   تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا 32، شۈموگو رايونىدا 37، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئالتە، مىدۇڭ رايونىدا بىر، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدا 43 كىشى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە 146 كىشى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرىدىن سەككىز كىشى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرىدە ئىككى، بۇرچىن ناھىيەسىدە بىر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 10، قاراشەھەر ناھىيەسىدە 2، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىن ئۈچ كىشى بار.

مەنبە: تىيانشان تورى

素材1.jpg


未标333题-4.jpg