34 ياشلىق مېسسىنى كەتكۈزىۋېتىپ 34 ياشلىق لېۋاندوۋىسكىنى ئەكەلگەن لاپورتا پۇشايمان قىلامدۇ؟

ئەركىن
2022-07-26
来源:直播


بۇ يىل يازدا ياۋروپادىكى ھەر قايسى چوڭ زەردار كۇلۇبلار بالدۇرلا نىشانىنى مۇقىملاشتۇردى، بىر قانچە داڭلىق چولپانلارمۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان كۇلۇبلار بىلەن يۆتكىلىش ۋە توختام ئىمزالاش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان مىباپپې پارىژ سانت گېرماندا قالغان بولۇپ، خالاند بولسا مانچېستېر شەھىرىگە بارغان.

بارسېلونا بۇ يىل يازدا 50 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ 34 ياشلىق لېۋاندوۋىسكىنى قوشۇۋالغان بولۇپ، ئۇلار بۇلتۇر پۇل يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك مېسسى بىلەن توختام ئۇزارتالمىغان، ئۇمۇ ئوخشاشلا 34 ياشتا ئىدى.

يېقىندا «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» لېۋاندوۋىسكى بارسېلونا بىلەن توختام ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۆتكىلىش سوممىسى 50 مىليون ياۋروغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەش مىليون ياۋرولۇق لەيلىمە ماددىمۇ بار. بۇنداق يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى بايرېن مىيۇنخېننىڭ لېۋاندوۋىسكىنىڭ يۆتكىلىش سوممىسىغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مالىيە مەسىلىسى جىددىي بولغان بارسېلوناغا نىسبەتەن بۇ ئاز پۇل بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇلار پەقەت توپچى ئالماشتۇرۇش ياكى پاي ھوقۇقىنى سېتىش ئارقىلىقلا مەبلەغكە ئېرىشەلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بارسېلونا يېقىندا كۇلۇبنىڭ كەلگۈسى 25 يىلدىكى %15 تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋەتكەن. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كەلگۈسىدە 400 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

لېۋاندوۋىسكىنىڭ توختام ئىمزالىشى مەستانىلەرگە مېسسىنى ئەسلەتكەن بولۇپ، بۇلتۇر ئوخشاشلا 34 ياشقا كىرگەن مېسسى مائاشىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك بارسېلونا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن، مېسسى مائاشنى تۆۋەنلىتىشكە ۋەدە بولسىمۇ مەسىلە ھەل بولمىغان، ئاخىرىدا مېسسى پارىژ سانت گېرمان بىلەن بىرلىككە كەلگەن، شۇنداقلا بىر يىلدىن كېيىن پارىژ سانت گېرمان بىلەن فرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

مېسسىنىڭ پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلۇشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنداقلا زور بىر تۈركۈم سادىق مەستانىلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى، پارىژ سانت گېرمان مەيلى تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ياكى مۇسابىقە كىيىمى سېتىش جەھەتتە بولسۇن، ياكى قوللاش كىرىمى ھەر جەھەتتىن بولسۇن، ھەر تۈرلۈك كىرىمى شىددەت بىلەن ئاشتى، مېسسى پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كوماندىغا زور تۆھپىسىنى قوشتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھازىرقى بارسېلونانىڭ مېسسىنى تاشلاپ لېۋاندوۋىسكىنى تاللىشى سەل ئاقىلانىلىك ئەمەستەك قىلىدۇ.

مېسسى پارىژ سانت گېرمانغا ھەقسىز قوشۇلۇپ، كوماندىغا بىر يىلدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 700 مىليون ياۋرو كىرىم ئېلىپ كەلدى، بارسېلونا بىكاردىن-بىكار 700 مىليون ياۋرودىن قۇرۇپ قالدى، ئۇنداقتا لاپورتا راستىنلا پۇشايمان قىلمىدىمۇ؟

بايا مېسسىنىڭ كوماندىغا قوشۇلۇشىنىڭ پارىژ سانت گېرماننى نۇرغۇن كىرىمگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق، پارىژ ساننت گېرمانمۇ مېسسىنى كوماندىغا قوشۇلۇشقا تەكلىپ قىلىش ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن خېلى رازى، كۇلۇب تەرەپ مېسسىنىڭ پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغان تۇنجى يىلى ئېلىپ كەلگەن كىرىم سانلىق مەلۇماتىنى بىۋاستە ئېلان قىلدى، بۇ 700 مىليون ياۋروغا يېڭىدىن ئىمزالانغان قوللىغۇچى تەرەپنىڭ توختامى، ئەسلىدىكى توختام سوممىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە مۇسابىقە كىيىمىنىڭ سېتىلىش كىرىمى، بېلەت كىرىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

700 مىليون ياۋرو كىرىم پەقەت مېسسىنىڭ كەلگۈسى بىر يىلدا ئېلىپ كەلگەن كىرىمى بولۇپ، بارسېلونا 25 يىل %15لىك تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىش ئارقىلىق ئاندىن 400 مىليون ياۋروغا ئېرىشكەن، پارىژ سانت گېرمانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پۇل تېپىش بىرقەدەر ئاسان، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئۇلاردا مېسسى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە پارىژ سانت گېرمان مېسسىنىڭ كېلىشى بىلەن مەيلى مۇسابىقە مەيدانىدا بولسۇن ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسۇن تېخىمۇ زور ئىشەنچكە ئىگە بولدى، ئۇلار زور سوممىلىق توختام بىلەن مىباپپېنى تۇتۇپ قېلىپ، پۇتبول دۇنياسىدىكى تۇنجى يۇقىرى مائاشنى ياراتتى، كۇلۇب مېسسى، مىباپپې ۋە نېيماردىن ئىبارەت بۇ ئۈچ گىگانت چولپاننى ئاساس قىلىپ، داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ مەستانىلەرنى ئۆزىگە قارىتىشنى ۋە پايدىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

گەرچە مېسسىدىن ۋاز كېچىش ئىقتىسادىي ئامىل بولسىمۇ، لېكىن بۇ قارار ساداقەتمەن پېشقەدەم توپچىلارنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتۇپ قويدى، شۇنداقلا غايەت زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئايرىلىپ قالدى، بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى قەدەم ئەمەس. ھازىر بارسېلونا 50 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ 34 ياشلىق لېۋاندوۋىسكىغا ئېرىشتى، گەرچە لېۋاندوۋىسكى يۇقىرى پەللىسىنى يەنە بىر نەچچە يىل ساقلاپ قالالىسىمۇ، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە يېقىنلىشىپ قالدى، بۇ بەدەل ئەسلىدىنلا مالىيە قىس بولغان ئىسپانىيە زەردارىغا نىسبەتەن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.