ئاپتوموبىلدىكى ئاسان بۇزۇلىدىغان بۇ جايلارنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ

ئادىلە
2022-07-26
来源:ماشىنا


ئاپتوموبىل ئىستېمال بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر مەزگىل ھەيدىگەندىن كېيىن ھەر قايسى زاپچاسلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ئۇچراش كۆرۈلىدۇ، بەزى زاپچاسلار تاكى ئاپتوموبىل بىراك قىلىنغۇچە ساق تۇرۇشى، بەزى زاپچاسلار بىردەمدىلا بۇزۇلۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە بىز ئاپتوموبىلنىڭ ئاسان بۇزۇلىدىغان زاپچاسلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.

1. چىراغ

ئاپتوموبىلدىكى ئەڭ ئاسان بۇزۇلىدىغان زاپچاس ئاپتوموبىل چىرىغى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاسان تورمۇز چىرىغى. چۈنكى ھەر قېتىم تورمۇز قويغاندا تورمۇز چىرىغى بىر قېتىم يانىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئۇپراش، بۇزۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

تورمۇز چىرىغىنىڭ بۇزۇلغان-بۇزۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددىي. ئەگەر ئۆزىڭىز يالغۇز تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز ئاپتوموبىلنى ئاق رەڭلىك تامغا قاراپ كەينىگە ياندۇرۇڭ، قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن تەكشۈرسىڭىز تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. ئاپتوموبىلىڭىز تامغا يېقىنلاشقاندا تورمۇزنى دەسسىسىڭىز، تامدا بىر قەدەر يورۇق بولغان ئۈچ قىزىل چىراغ ئەكس كۆلەڭگە پەيدا بولىدۇ، ئەگەر قايسى چىراغ يانمىسا، شۇ چىراغنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەگەر ئىككى ئادەم ماسلىشىپ تەكشۈرسە تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ، سىز تورمۇزنى دەسسىگەندە، يېنىڭىزدىكى ئادەم سىزگە بۇ ئۈچ چىراغنىڭ يورۇيدىغان ياكى يورۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويسىلا بولىدۇ.

تورمۇز چىرىغىنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك، چۈنكى تورمۇز چىرىغىنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى ئاسانلا قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر بۇزۇق پېتى يولغا چىققاندا جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇرۇلۇش چىرىغىمۇ بىر قەدەر ئاسان بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ، لېكىن بۇرۇلۇش چىرىغى بۇزۇلغاندىن كېيىن بۇرۇلۇش چىرىغى بەلگىسىدە ئەسكەرتىش بولىدۇ.

لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇرۇلۇش چىرىغى بۇزۇلۇپ قالغاندا ھەممە ئاپتوموبىللارنىڭ ئەسكەرتىش بېرەلىشى ناتايىن، بەزى ئاپتوموبىلارنىڭ بۇرۇلۇش چىقىرىغى بۇزۇلۇپ قالسىمۇ كۆرسىتىش ئېكرانىدا ھېچقانداق نەرسە كۆرۈنمەيدۇ، شۇڭا بۇ بەلگىگىمۇ قارىغۇلارچە ئىشىنىشكە بولمايدۇ.

2. يامغۇر سۈرتكۈچ

يامغۇر سۈرتكۈچ ئۇزۇن مەزگىل سىرتتا ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق بولغاچقا، يامغۇر سۈرتكۈچ ئاسانلا قېتىپ قالىدۇ، ئەگەر سۈپەتلىك يامغۇر سۈرتكۈچ بولمىسا، ئۈچ ئايغا پايلىماسلىقى مۇمكىن، سۈپەتلىك يامغۇر سۈرتكۈچنى يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ياخشىراق ماركىلارنى تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، يامغۇر سۈرتكۈچ ئىشلىمىسە، يامغۇر ياغقاندا ئاپتوموبىل ھەيدەش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، ئەگەر تەننەرخى تۆۋەنرەك بولسۇن دېسىڭىز، ئەسلى كاۋچۇكتىن ياسالغان چاپلاقنى سېتىۋېلىپ ئۆزىڭىز ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا يامغۇر سۈرتكۈچنىڭ ئىشلىتىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

3. بالون

بولۇپمۇ بالوننىڭ يان تەرىپىدە يېرىلغان يېرىقچە بولسا، بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر يېرىلغاندىن كېيىن بالون ئىچىدىكى بىر قەۋەت پىيىنى زەخىملەندۈرسە، شۇ يەر تومپىيىپ چىقىشقا باشلايدۇ، ئەگەر تومپىيىپ چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، چوقۇم بالوننى ئالماشتۇرۇش كېرەك، بولمىسا بالون ئېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، سىرتقى زەخىم بولمىغان ئەھۋالدا، بالوننىڭ ئۆمرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇپراش ۋە ئىشلىتىش ۋاقتىغا باغلىق بولىدۇ، كۆپچىلىككە بىر بالوننى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 7 يىل ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا بالوننى چوقۇم ئالماشتۇرۇش كېرەك. بولمىسا بالون كونىراپ ئۆزگىرىپ، تورمۇز ئارىلىقى زور دەرىجىدە ئۇزىراپ، قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. تورمۇز ياپراقچىسى

تورمۇز ياپراقچىسىنى تەكشۈرۈشمۇ ناھايىتى ئاددىي، يان تەرەپتىن قول چىراغنى ياندۇرۇپ، تورمۇز ياپراقچىسى قېلىنلىقىغا قارىسىلا بولىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا تورمۇز ياپراقچىسى ئۇپراپ نېپىزلەپ كەتكەن بولسا، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر سىز كۆرسىتىش ئېكرانىدا تورمۇز ياپراقچىسى ئەسكەرتمىسى بارلىقىنى كۆرسىڭىز، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشىڭىز كېرەك.

5. بىخەتەرلىك سىمى

ئەگەر سىز ئادەتتە ئاپتوموبىلنى نورمال ئىشلىتىپ، يۇقىرى قۇۋۋەتلىك توك سىمىنى كۆپەيتمىگەن بولسىڭىز، ئۇ ئاسان كۆيمەيدۇ، ئەگەر بىخەتەرلىك سىمى كۆيۈپ كەتسە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا زاپاس توك سىمى قاپقىقىنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئادەتتە يان تەرەپتە بىر قىسقۇچ بولىدۇ، زاپاس توك سىمىنى قىسقۇچ بىلەن تارتىپ چىقىرىپ ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.

ئەگەر ئۆزىڭىز ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، چوقۇم قىممەت بولسىمۇ ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك سىمىنى تاللاڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەرلىك سىمىنىڭ نورما ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىق كېرەك، چۈنكى توك يولى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن، ئوت كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ بار.

6. ئاككۇمۇلياتور

ئاككۇمۇلياتورنىڭ نۇرغۇنلىرى ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ مەشغۇلاتى توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن بۇزۇلىدۇ، ئاككۇمۇلياتورنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى توكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى.

ئەگەر سىز ئاپتوموبىلدا ئىزچىل توك ئىشلىتىپ، ئاككۇمۇلياتور دائىم توك مىقدارى تۆۋەن ھالەتتە تۇرسا، ئىچىدىكى قۇتۇپ تاختىسىنىڭ كرىستاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاككۇمۇلياتور كاردىن چىقىدۇ، شۇڭا ئاككۇمۇلياتورنىڭ توك مىقدارى تۆۋەن چەككە يەتكەندە يەنە توك ئىشلىتىشتىن ساقلانسىلا، 6~8 يىل ئىشلىتىشتە پۈتۈنلەي مەسىلە يوق.

7. بىخەتەرلىك لىمى

ئاپتوموبىلدىكى بىر قەدەر ئاسان بۇزۇلىدىغان جاينىڭ بىرسى ئالدى-كەينى بىخەتەرلىك لىمى بولۇپ، ئۇ بىر سولياۋ تاياقچە بولغاچقا، ئەگەر ئاپتوموبىلنى ياخشى توختاتمىساق، باشقا ئاپتوموبىللار بىلەن سۈركىلىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

ئەگەر يىنىڭ دەرىجىدە بۇزۇلغان بولسا، بىخەتەرلىك لىمىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، يەنە بىر نەچچە قېتىم سوقۇلۇپ، ئۇرۇلۇپ بۇزۇلغان جاي ئاپتوموبىلنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزگۈدەك دەرىجىگە يەتكەندە ئالماشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇزۇلۇش ئېغىر بولسا ئارتۇقچە ئىككىلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاپىرىپ رېمونت قىلغۇدەك بولسا رېمونت قىلدۇرۇپ، بولمىسا يېڭىسىغا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.