بوللىۋودتىكى بۇ داڭلىق «كاتتىباش»لارنىڭ يېڭى كىنودىكى ئوبرازى ئاشكارىلاندى

ئەلكۈيى تورى
2022-07-26
来源:سىنا تورى


بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى، جەكى شىروف، سانجاي دات، ساننىي دېئول ۋە مىتۇن چاكرابورتى قاتارلىق بوللىۋودنىڭ داڭلىق تۆت پىشقەدەم ئەر ئارتىسى ھەمكارلىشىپ «ئاتا» (Baap) ناملىق ئەڭ يېڭى ھەرىكەتلىك كىنودا باش رول ئالىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، يېقىنقى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، فىلىم گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ يېڭى كىنونى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغان.

بىر نەچچە كۈنى ئىلگىرى، جەكى شىروف، سانجاي دات ۋە مىتۇن چاكرابورتى قاتارلىق «كاتتىباش»لارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە تورىدا، سۈرەتكە ئېلىشنى رەسمىي باشلىغانلىقىنى دەلىلىگەن ھەمدە كىنونىڭ تۇنجى سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىگەن. «ئاتا» ناملىق بۇ يېڭى كىنوغا ۋىۋېك چائۇھان (Vivek Chauhan) رېژىسسورلۇق قىلىدىغان بولۇپ، ZEE سىتۇدىيىسى بايرىقى ئاستىدا ئىشلىنىدۇ. ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ كىنو نۆۋەتتە بومبايدا سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان بولۇپ 2023-يىلى كۈزدە قويۇلۇش پىلانلانغان.

سىزنىڭچە بۇ يېڭى ھەرىكەتلىك كىنونى كۈتۈشكە ئەرزىمدۇ؟