شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزىنىڭ ئىجرائىيە ترېنېرى پەرھات كوماندىدىن ئايرىلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-07-25
来源:دوڭچىيۇدى

بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزىنىڭ ئورگان تورى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، كوماندىنىڭ ئىجرائىيە ترېنېرى پەرھات كوماندىدىن ئايرىلغان.

پەرھات بۇ مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىنى باشلاپ جەمئىي 10 ئايلانما مۇسابىقە ئويناپ، ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، بەش مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزىنىڭ بۇ پەسىلنىڭ بېشىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان، لېكىن ئالدىنقى ئايلانمىدا دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان نەنتوڭ جىيۈنگە دۇچ كەلگەندە 4:1 نەتىجىدە مەغلۇپ بولۇپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك ئەھۋالغا دۇچار بولغان. كوماندا ھازىر بىرلەشمىدە 12-ئورۇندا تۇرماقتا، لېكىن بۇ رەت تەرتىپ ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدىكى ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، كوماندىنىڭ سابىق ياردەمچى تىرېنېرى ئەسقەر كوماندىنىڭ يېڭى ترېنېرى بولىدىغان بولۇپ، ئۇ 2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى كوماندىسىغا باش تىرېنېرلىق قىلغان، شۇ مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىنى يېتەكلەپ دەرىجە ساقلاپ قالالمىغان.

شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى ھازىر دەرىجە چۈشۈش رايونىدىن پەقەت ئىككى نومۇرلا ئۈستۈنلۈكتە بولۇپ، دەرىجە چۈشۈش ۋەزىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلار كېيىنكى ئايلانمىدا جياڭشى بېيدا دەرۋازىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.