گىگانىت چولپان ۋىجاي شاھرۇھ خاننىڭ يېڭى كىنوسىدا «ھەقسىز» رول ئالىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2022-07-25
来源:بوللىۋود

«بوللىۋود شاھى» شاھرۇھ خان تۆت يىل ئارام ئالغاندىن كېيىن «پاتان» (Pathaan)، «جاۋان» (Jawan) ۋە «دانكى» (Dunki) قاتارلىق يېڭى كىنولىرى ئارقىلىق ساھەگە كۈچلۈك قايتىپ كەلدى ھەمدە مەستانىلىرى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇ نۆۋەتتە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان يېڭى كىنولىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ «جاۋان» ناملىق يېڭى كىنوسى زور تەقەززالىق بىلەن كۈتۈلىۋاتىدۇ، چۈنكى «جاۋان» ناملىق بۇ يېڭى كىنوغا، جەنۇبىي ھىندىستاندىكى داڭلىق رېژىسسور ئاتلې رېژىسسورلۇق قىلىدۇ ھەمدە جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ گىگانىت ئايال چولپىنى نايانتارا شاھرۇھ خان بىلەن ھەمكارلىشىپ باش رول ئالىدۇ، شاھرۇھ خانمۇ بۇ كىنو ئارقىلىق تۇنجى جەنۇبىي ھىندىستان تۈرىنى خاتىرلەيدۇ.

«جاۋان» ناملىق بۇ كىنو يېڭى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتلاردا، كوللىۋودنىڭ گىگانىت چولپىنى ۋىجاينىڭمۇ بۇ كىنودا رول ئالىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى، لېكىن بۇ چاغقىچە بۇ خەۋەرنىڭ راس ياكى يالغانلىقى توغۇرلۇق يېڭى ئۇچۇرلار ئېلان قېلىنمىغاچقا، ۋىجاينىڭمۇ بۇ كىنودا رول ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى نامەلۇم ئىدى. مانا ئەمدى يېقىنقى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كوللىۋودنىڭ گىگانىت چولپىنى ۋىجاي، بۇ يېڭى كىنونىڭ رېژىسسورى ئاتلې ۋە باش رولچىسى شاھرۇھ خان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقى ۋە دوستلۇقى سەۋەبلىك «جاۋان» ناملىق بۇ يېڭى كىنودا بىر پۇڭ ھەق ئالماي ھەقسىز رول ئالىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، 9-ئايدا شاھرۇھ خان بىلەن ئاتلې فىلىم گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، چېننادا نۇرغۇن مۇھىم كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالىدىغان بولۇپ، ۋىجاي 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شاھرۇھ خانغا قوشۇلۇپ چېننايدا ئۆزىگە تېگىشلىك رولىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن بىر كۈن پىلانلىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا كوللىۋودنىڭ ئىقتىدارلىق ئەر ئارتىسى ۋىجاي سېتۇپاتى بۇ كىنودا سەلبىي باش رول ئالىدۇ ھەمدە ماناھار كۇمار، سانيا مالھوترا، پرىيامانى، يوگى بابۇ، سىمارجېت سىڭ ناگرا ۋە سۇنىل گروۋېر قاتارلىق ئارتىسلار مۇھىم روللارنى ئالىدۇ. يۇقارقى ئارتىسلاردىن باشقا، يەنە «بوللىۋود خانىشى» دېپىكا پادۇكونمۇ بۇ يېڭى كىنودا قىسقا ئەمما مۇھىم رول ئالىدۇ. بۇ كىنو 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى قويۇلىدۇ.