دىبالا بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۇۋېنتۇستىكى ھەمكارلىقىغا نەزەر

爱酷艺
2022-07-25
来源:新浪

دىبالا ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە رىمغا قوشۇلدى، يېقىنقى ئىككى يازدا، يۇۋېنتۇستىكى ئىككى داڭلىق چولپان رونالدو بىلەن دىبالا ئارقا-ئارقىدىن كوماندىدىن ئايرىلدى، چاقنىيالمىغان بۇ بىر جۈپلەر ئاخىرىدا يۇۋېنتۇستا ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا قالدى.

بۇ ئىككى ماھىر ئۈچ مۇسابىقە پەسلىدە جەمئىي 93 مەيدان مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ توپ تەپكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا كوماندا 66 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 13 مەيدان تەڭلىشىپ، 14 مەيدان مەغلۇپ بولغان، غەلىبە قىلىش نىسبىتى %71 بولغان. بۇ 93 مەيدان مۇسابىقىدە دىبالا 23 توپ كىرگۈزۈپ 17 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدو بولسا 70 توپ كىرگۈزۈپ 16 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان.

دىبالانىڭ بەزى زىيارەتلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ كرىستىيانو رونالدو بىلەن سەپداش بولغان بىر نەچچە يىلدا، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا ياخشى بولغان. مەسىلەن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى يۇۋېنتۇس خەلقئارا مىلاننى مەغلۇپ قىلغان بولۇپ، مۇسابىقىدىن كېيىن دىبالا زىيارەت جەريانىدا كىرىستىيانو رونالدودىن ئوغرىلىقچە سۆيۈلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىنغان.

2020-يىلى 4-ئايدا دىبالا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى ئورگان تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەتتە دىبالا مۇنداق دېگەن:«ئىلگىرى يۇۋېنتۇستىكى كۆپ قىسىم توپچىلار رونالدونى چۈشەنمەيتتى، لېكىن ئۇ كوماندىغا قوشۇلغاندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى، ناھايىتى دوستانە ۋە سۆزمەن ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.»

تۆۋەندە بۇ ئىككەيلەننىڭ يۇۋېنتۇستىكى ۋاقتىدا توققۇز قېتىم ھەمكارلىشىپ كىرگۈزگەن توپلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

1. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، يۇۋېنتۇس 1:2 بېرنى ياشلار كوماندىسى، كىرىستىيانو رونالدو دىبالانىڭ كىرگۈزگەن توپىغا ياردەمچى پاس چىقارغان

2. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 19-ئايلانمىسى، يۇۋېنتۇس 2:1 سامپدورىيا، دىبالا مۇسابىقىنىڭ 2-مىنۇتىدا كىرىستىيانو رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپىغا ياردەمچى پاس چىقارغان

3. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 24-ئايلانمىسى، يۇۋېنتۇس 0:3 فروسىنونې، مۇسابىقىنىڭ 6-مىنۇتىدا رونالدو دىبالانىڭ دۇنياۋى سەۋىيەلىك توپ كىرگۈزىشىگە ياردەمچى پاس بەرگەن

4. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 6-ئايلانمىسى، يۇۋېنتۇس 0:2 سپال، دىبالا مۇسابىقىنىڭ 78-مىنۇتىدا رونالدوغا ياردەمچى پاس بەرگەن، رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقدىكى 2-توپىنى كىرگۈزگەن

5. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، يۇۋېنتۇس 0:3 لېۋېركۇسېن، مۇسابىقىنىڭ 89-مىنۇتىدا دىبالانىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن رونالدو كوماندىنىڭ ئۈچىنچى توپىنى كىرگۈزگەن

6. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، يۇۋېنتۇس 0:2 لېۋېركۇسېن، مۇسابىقىنىڭ 75-مىنۇتىدا دىبالا كىرىستىيانو رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپىغا ياردەمچى پاس چىقارغان

7. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 20-ئايلانمىسى، يۇۋېنتۇس 1:2 پارما، دىبالا مۇسابىقىنىڭ 58-مىنۇتىدا كىرىستىيانو رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈشىگە ياردەمچى پاس چىقارغان

8. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 28-ئايلانمىسى، يۇۋېنتۇس 0:4 لېچې، رونالدو دىبالانىڭ كوماندىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى 1-توپىنى كىرگۈزۈشىگە ياردەمچى پاس بەرگەن

9. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 30-ئايلانمىسى، يۇۋېنتۇس 2:1 لازىئو، مۇسابىقىنىڭ 54-مىنۇتتا دىبالانىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن رونالدو كوماندىنىڭ 2-توپىنى كىرگۈزگەن