ئاشۋارىيا باش رول ئالغان كىنو «باخۇبالى» ۋە «ئالتۇن كان»دىنمۇ قالتىسكەن

سىنا
2022-07-24
来源:ئادىلە

بوللىۋودنىڭ داڭلىق ئايال ئارتىسى ئاشۋارىيا راي باچچان باش رول ئالغان «پونىيىن بايلىقى: 1-قىسىم» (Ponniyin Selvan: Part One) ناملىق ئەڭ يېڭى كوللىۋود كىنوسىنىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى ئېلان قىلىندى. «پونىيىن بايلىقى» ناملىق بۇ يېڭى كىنوغا ھىندىستان كىنوچىلىقدىكى داڭلىق رېژىسسور ۋە سېنارىست مانى راتنام (Mani Ratnam) رېژىسسورلۇق قىلغان ھەمدە مانى راتنام، جېياموخان (Jeyamohan)، كۇماراۋېل (Kumaravel) ۋە كالكى كرىشنامورتي (Kalki Krishnamoorthy) قاتارلىقلار بىرلىشىپ سېنارىيەسىنى يازغان.

بۇ بىر تارىخىي ۋەقەلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىنو بولۇپ، مىلادىيە 900-يىلدىن 950-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى چوجا ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى ھوقۇق كۈرىشى بايان قىلىنغان. بۇ كىنوغا 5 مىليارد رۇپىيە (تەخمىنەن 415 مىليون 650 مىڭ يۈەن) مەبلەغ سېلىنغان. بۇ يېڭى كىنودا كوللىۋودنىڭ داڭلىق ئەر ئارتىسلىرىدىن: كارتى (Karthi)، ۋىكرام (Vikram)، جايام راۋى (Jayam Ravi) ۋە جايارام (Jayaram) قاتارلىقلار باش رول ئالغان. ئايال ئارتىسلاردىن: ئاشۋارىيا راي باچچان (Aishwarya Rai Bachchan)، ترىشا كرىشنان (Trisha Krishnan)، سوبىتا دۇلىپالا (Sobhita Dhulipala) ۋە ئاشۋارىيا لېكشمى (Aishwarya Lekshmi) قاتارلىقلار باش رول ئالغان.

يۇقارقى ئارتىسلاردىن باشقا، يەنە داڭلىق ئارتىسلاردىن: پراكاش راج (Prakash Raj)، ناسار (Nassar)، پرابخۇ (Prabhu)، سارات كۇمار (Sarath Kumar)، ۋىكرام پرابخۇ (Vikram Prabhu) ۋە ئاشۋىن كاكۇمانۇ (Ashwin Kakumanu) قاتارلىقلار مۇھىم رول ئالغان. بۇ كىنوغا زور مەبلەغ سېلىنغاندىن باشقا، ئارتىسلار قوشۇنىمۇ ئىنتايىن قالتىس. بۇ يېڭى كىنو 9-ئاينىڭ 30-كۈنى تامىل تىلى، ھىندى تىلى، تېلۇگۇ تىلى، كاننادا تىلى ۋە مالايالام تىلى قاتارلىق بەش خىل چوڭ تىلدا قويۇلىدۇ.

تۆۋەندە بۇ يېڭى كىنونىڭ تەشۋىق فىلىمى ۋە سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

ۋىدېيودا: «پونىيىن بايلىقى: 1-قىسىم» ناملىق يېڭى كىنونىڭ تەشۋىق فىلىمى