بوللىۋود چولپانلىرى توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار

ئەلكۈيى
2022-07-24
来源:بوللىۋود

شاھرۇھ خان، كارېننا كاپۇر خان، سونام كاپۇر قاتارلىق بوللىۋود چولپانلىرى ناھايىتى كۆپ مەستانىلەر توپىغا ئىگە. مەستانىلەر ئۇلارنىڭ كىنولىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەندىن باشقا شەخسىي تۇرمۇشى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۆۋەندە بوللىۋود چولپانلىرى توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى كۆرۈپ ئۆتەمدۇق.

شاھرۇھ خان (Shah Rukh Khan)

شاھرۇھ خاننىڭ ئات مىنىشتىن قورقۇش كېسىلى بار. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شاھرۇھ خان «ئاسوكا» (Asoka) ناملىق كىنودىن كېيىن ئەزەلدىن ئاتقا مىنىپ باقمىغان.

كارېننا كاپۇر خان (Kareena Kapoor Khan)

ئەسلىدە بوۋىسى راج كاپۇر كارېننا كاپۇر خانغا سىددىما دەپ ئىسىم قويغان. كېيىن ئانىسى بابىتا ئۇنىڭ ئىسمىنى كارېنناغا ئۆزگەرتكەن، بۇ ئىسىم «ئاننا كارېننا» (Anna Karenina) ناملىق كىتابتىن كەلگەن بولۇپ، بابىتا ھامىلدار ۋاقتىدا بۇ كىتابنى ئوقۇغان.

سونام كاپۇر (Sonam Kapoor)

سونام كاپۇر چىقىمىنى تېجەش ئۈچۈن سىنگاپوردىكى بىر ئاشخانىدا مۇلازىمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن.

كاران جوھار (Karan Johar) ۋە فارا خان (Farah Khan)

داڭلىق رېژىسسور كاران جوھار ۋە داڭلىق ئۇسسۇل ئىشلىگۈچى فارا خان «مۇھەببەتنىڭ ئەتىسى يوق» (Kal Ho Naa Ho) ناملىق كىنودا مېھمان رول ئالغان. ئەمما ئۇلارنىڭ كىنودىكى كۆرۈنۈشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان.

شارمىلا تاگور (Sharmila Tagore)

شارمىلا تاگور 1967-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان «پارىژدىكى كەچ» (An Evening in Paris) ناملىق كىنودا سۇ ئۈزۈش كىيمى كىيگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇنجى بولۇپ كىنودا سۇ ئۈزۈش كىيمى كىيگەن ھىندىستانلىق ئارتىس بولۇپ قالغان.