قەپەزدىكى ساھىبجامال، ۋىسال تاپقان ئاشىقلار يېڭىلاندى

ئەلكۈيى
2022-07-24
来源:ئەلكۈيى تورى

بۇنىڭدىن 20 يىل مۇقەددەم بىر ئائىلىك كىشىلىرى مۇراسىمغا قاتنىشىۋاتقاندا بارلىق كىشىلەر قاتبوي ئايالنىڭ قورسىقىغا قاراپ ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېيتىشىدۇ. ئايالنىڭ قېيىنئانىسى، يولدىشى ۋە چوڭ قىزىنىڭ تېرىسى قارا بولغاچقا قېينئانىسى كېلىنىنىڭ قورسىقىغا قاراپ ئاقپىشماق گۈزەل قىز تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئايال يەڭگىپ تېرىسى سۈتتەك ئاپئاق قىزدىن بىرسى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. ئاقپىشماق گۈزەل قىز مايورا پۈتۈن مەھەللىدىكىلەرنىڭ كۆزىدە ئويناپ-كۈلۈپ، 20 يىلدىن كېيىن ساھىبجامال بولۇپ چوڭ بولىدۇ. مايورا گۈزەل چىرايى سەۋەبىدىن نۇرغۇن خورلۇققا ئۇچرايدۇ. بىر كۈنى ئۇ دەريا بويىدا بىر ئاقپىشماق يىگىتنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ... مايورانىڭ قاباھەتلىك چۈشى، شۇنداقلا سۆيگۈسى بولغان بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ئومكار، بۇ ئىككەيلەن يەنە قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچرايدۇ؟ مايورا ئومكارنىڭ نېمىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ؟ بۇ تىياتىرنىڭ 198-قىسمى قويۇلدى، كىنوخانىمىزدا داۋاملىق تۈردە كۈندە بىرىنچى بولۇپ يېڭىلىنىدۇ.

بىر ئائىلىك كىشىلىرى ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز غايىپتىن چۈشكەندەك بىر يۈك ئاپتوموبىلى كېلىپ ئۇلارنى سوقۇپ يولدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ماشىنا قاتتىق سوقۇلۇشنىڭ زەربىسىدىن يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ توختاپ قالىدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە ئاتتەك ياسانغان، سۇمبۇل چاچلىرى بەش بال شامالدا ئۇچۇپ تۇرغان، چىرايىدىن مۇشۇ تىياتىردىكى سەلبىي پېرسوناژ ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان بىر رەزىل چوكان پەيدا بولۇپ بىر پەشۋا بىلەن ماشىنىنى ياردىن چۈشۈرۈۋېتىدۇ. 15 يىلدىن كېيىن ئاشۇ ۋەقەدىن ئامان قالغان شاكىچىكلەر گۈزەل قىز، شاش يىگىت بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بىر كۈنى بىر مۇراسىم جەريانىدا يىگىت قىزنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، بۇ ئىككەيلەن قايتا كۆرۈشۈپ تونۇشلۇق بېرىشەلەمدۇ؟ ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ۋىسالىغا يېتەلەمدۇ؟ بۇ تىياتىرنىڭ 153-قىسمى يېڭىلاندى، كىنوخانىمىزدا داۋاملىق تۈردە كۈندە بىرىنچى بولۇپ يېڭىلىنىدۇ.

رېنىما بىلەن كابىر ئەسلىدە ئاشىق-مەشۇقلاردىن ئىدى، كابىر ئۆزىنى ئوقۇتقۇچى دەپ سالاھىيىتىنى يوشۇرغان ساقچى، رېنىما بولسا ئوقۇغۇچى، بۇ ئىككىسى شېرىن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە كابىرنىڭ مەسئۇللۇقىدىكى دېلونىڭ باش جىنايەتچىسى ۋانىش سىنگارنىيا بۇ ئىككىيلەننىڭ مۇھەببىتىگە سايە تاشلايدۇ. بىر قېتىملىق ۋەقەدە كابىرنىڭ ساھىبجامال جاسۇسىنى ۋانىش سىنگارنىيا ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، كابىر مۇھەببەت ۋە ئۆز سەپدىشىنىڭ قىساسى ئالدىدا قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ، رېنىما ۋانىشقا يېقىنلاشقاندىن كېيىن بۇ ئۈچ بۇرجەك مۇھەببەتتە زور ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ... بۇلار مۇھەببەت ھېكايىسىنى قانداق داۋاملاشتۇرار؟ ۋانىش بىلەن رېنىمانىڭ تەقدىرى قوشۇلغانمۇ؟ بۇ تىياتىرنىڭ 316 قىسمى   كىنوخانىمىزدا تولۇق قويۇلدى.