ئارتىس لىن جىيىڭ تېسلا ماشىنىدا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقتى

ئەكبەر
2022-07-24
来源:سىنا


تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 22-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو تەيۋەن ئۆلكىسدىكى ئارتىس لىن جىيىڭ بىر تېسلا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئوغلى بىلەن جۇڭگو تەيۋەن ئۆلكىسى تاۋيۈەن شەھىرى جۇڭچېڭ شىمالىي يولىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان.

ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىپ، نەق مەيدان ناھايىتى خەتەرلىك تۈسكە كىرگەن. لىن جىيىڭنىڭ بېشى يارىلىنىپ گەپ قىلالماي قالغان، ياندىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ئوغلىنىڭ تېرىسى سۈركىلىپ يارىلانغان، كېيىن ئىككىيلەن لىنكوۋدىكى چاڭگېڭ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. 22-چېسلا چۈشتىن كېيىن شۇ جايدىكى قاتناش ساقچىلىرى بۇ ئىشقا قارىتا ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېگەن: لىن فامىلىلىك بۇ شوپۇر ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدىكى ئەھۋالغا زىيادە دىققەت قىلىپ مەركىزى ئايرىش تاختىسىغا سوقۇلۇپ كەتكەن شۇنداقلا نەق مەيداندا ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەن، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. شوپۇرنىڭ ئىسپىرت ئۆلچەش قىممىتى نۆل بولۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى مەۋجۇت ئەمەس.