دېپىكا پادۇكوننىڭ نەۋرە سىڭلىسىنىڭ يولدىشى بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ قالدى

ئەلكۈيى تورى
2022-07-17
来源:ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى



نەۋرە ئاچا-سىڭىللار ئالىشا بىلەن تىيا كىچىكىدە ئايرىلىپ، نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن قايتا دىدارلاشقىنىدا يىگىتلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىپ، بىر-بىرىگە ئىچ سىرىنى تۆكۈشىدۇ. قىزىق يېرى، بۇ ئۇچرىشىشتا تىيانىڭ يىگىتى زېيننىڭ ئ‍الىشاغا كۆزى چۈشىدۇ. ئالىشامۇ بۇ داشقالدىن ئۆزىنى تارتماي بىر مەيدان ئالدامچىلىققا ئارىلىشىپ، ھاياتى خاراب بولغىلى قىل قالىدۇ. ئالىشا بېشىغا كەلگەن ئاپەتتىن ئاھ ئۇرۇپ تۇرغاندا تىيا ئ‍ۇنىڭغا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆڭلىنىڭ قېتىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان سىرنى ئېيتىدۇ. بۇ سىر زادى نېمىدۇ؟ تىيا ئالىشانىڭ ئۆزىنىڭ يىگىتى بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ قالغىنىنى بىلسە نېمە بوپ كېتەر؟ بۇ ئىككەيلەن بىر داشقالنى دەپ ياقا سىقىشىپ قان بولۇشۇپ كېتەرمۇ؟ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز دېپىكا پادۇكوننىڭ بۇ ئەڭ يېڭى كىنوسى ھۇزۇرىڭىزدا بولسۇن.


ئالىشانىڭ ئانىسى نېمىشقىكىن ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئاچچىقىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالىدۇ. بىچارە ئالىشا ئانىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردىكى ھاياتتىن زېرىككەن چۈشكۈن روھىي ھالىتىگە قاراپ، ئانىسىنى چوقۇم دادىسى سەۋەبتىن ئۆلۈۋالغان دەپلا ئويلايدۇ ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سەبىي يۈرىكىدە دادىسىغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك شەكىللىنىدۇ.

ئالىشا ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ، دەل مۇشۇ ئازابلىق كۈنلەردە ئەڭ ئامراق نەۋرە سىڭلىسى تىيامۇ ئۇنى تاشلاپ دادىسى بىلەن ئامېرىكىغا كېتىدۇ. ئايلار ئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپ، ئالىشا بىلەن تىيا ئاخىرى دىدارلىشىش پۇرستىگە ئېرىشىدۇ. ئالىشا تىيانىڭ ئۇچرىشىشقا يىگىتىنىمۇ ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزىمۇ يىگىتى كاراننى بىرگە ئېلىپ چىقىدۇ. تۆت ياش بىر سەيلە پاراخوتىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئالىشا بىر-بىرىگە باشقىچىلا قىزغىن بوپ كەتكەن تىيا بىلەن كاراننى كۆرۈپ باشقىچىلا بوپ قالىدۇ. ئالىشادىكى ئۆزگىرىشنى بايقىغان زېين ئاستا ئالىشاغا يېقىنلىشىپ، تىيا بىلەن كاراننىڭ نېمىشقا ئۇنچىۋالا يېقىنلىقىنى سورايدۇ.

ئالىشا ئىچ زەردە بولۇپ تۇرسىمۇ كاران بىلەن تىيانىڭ ئامېرىكىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بەلكىم زېينمۇ ئالىشادىكى بۇرۇقتۇرمىچىلىقنى بايقىدى بولغاي، يېڭى بىر ئولجىنى بايقىغاندەك پات-پاتلا ئالىشانىڭ ئەتراپىدىن چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغان بولىدۇ. ئالىشا دەسلىپىدە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ باقىدۇ، بىراق كاراننىڭ ئۆزىدىن بەكرەك تىياغا كۆيۈنىدىغىنىنى، ھەتتا ئۆزىگە ئېيتىشنى خالىمايدىغان ئىشلىرىنى تىياغا تۆكۈپ بېرىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، بۇ تايىنى يوق يىگىتىدىن بىراقلا كۆڭلى سوۋۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان زېين بىزەڭلىك بىلەن ئالىشاغا كانىدەك چاپلىشىدۇ.

زېيننىڭ شېرىن-شېكەر سۆزلىرى يىگىتىدىن بىزار بوپ تۇرغان ئالىشاغا ئوبدان خوش يېقىپ، ئىككەيلەن بىر مەيدان...تىيا نەۋرە ئاچىسى بىلەن يىگىتىنىڭ تېپىشىۋالغىنىنى بىلسە نېمە بوپ كېتەر؟ كۈتكىنىمىزدەك، ئالىشا تېزلا زېيننىڭ بىر ئالدامچى ئىكەنلىكىنى بايقاپ قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ئۇ ئاھ ئۇرۇپ تۇرغاندا تىيا توساتتىن ئۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتا ئانىسىنىڭ نېمىشقا ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئالىشانىڭ ئانىسى نېمىشقا ئۆلۈۋالدى؟ ئالىشا تىياغا زېين بىلەن بولغان ئىشلىرىنى ئېيتالامدۇ؟ جاۋابىنى بىلمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز ئەلكۈيى ئەپ دىتالىدا   قويۇلۇۋاتقان ھىندىستان كىنوسى «قارا دېڭىز»دا بولسۇن.