ئورگان تورى: بايرېن مىيۇنخېن لېۋاندوۋىسكىنىڭ سودىسىدا بارسېلونا بىلەن ئاغزاكى كېلىشىم ھاسىل قىلدى

ئادىل
2022-07-17
来源:سىنا

بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، بايرېن مىيۇنخېن ئورگان تەرەپ لېۋاندوۋىسكى يۆتكىلىش ئىشىدا بارسېلونا بىلەن ئاغزاكى كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ سودىنىڭ يۆتكىلىش ھەققى 45 مىليون ياۋرولۇق مۇقىم يۆتكىلىش سوممىسى ۋە بەش مىليون ياۋرولۇق لەيلىمە ماددا ئىكەن. لېۋاندوۋىسكى بايرېن مىيۇنخېندىكى ئەڭ ئاخىرقى مەشىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سەپداشلىرى بىلەن خوشلاشتى، ئۇ پات ئارىدا بارسېلونا بىلەن توختام ئىمزالاشنى تاماملايدۇ.

بايرىن مىيۇنخېن رەئىسى ھېنا مۇنداق دېدى:«بۇ سودىنى تاماملاش ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ياخشى ئىش. لېۋاندوۋىسكى بىر تۆھپىكار توپچى، ئۇ بىز بىلەن ھەممىگە ئېرىشكەن. بىز ئۇنىڭدىن بەك مىننەتدار.»

بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كاھىن مۇنداق دېدى:«بىز لېۋاندوۋىسكىنىڭ يۆتكىلىشىگە قوشۇلدۇق، بىز بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن ئاغزاكى كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق، لېكىن رەسمىي توختام يەنىلا ھەل قىلىنمىدى. بىز روبېرتقا <لېۋاندوۋىسكىنىڭ ئىسمى> رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىمىز، لېكىن ئىلگىرى بايرېن مىيۇنخېندىن ئايرىلغان كاتتا چولپانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، لېكىن بايرېن مىيۇنخېننىڭ دۇنياسى ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ ئايرىلىشى بىلەن غۇلاپ چۈشۈپ باقمىغان، ئەكسىچە بىز دائىم تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. »

بايرىن مىيۇنخېننىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى سالىخامىجىچ مۇنداق دېدى:«لېۋاندوۋىسكى بايرىن ئۈچۈن قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز بارسېلونادىكى كەسىپداشلار بىلەن ناھايىتى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق، تەپسىلاتلارنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. لېۋاندوۋىسكى ئامېرىكىغا ئۇچۇپ بارىدۇ. بارسېلونانىڭ ئامېرىكا سەپىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ مىيۇنخېنغا قايتىدۇ، بىز بىرلىكتە بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىمىز. بىز بارسېلونا بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق. لېۋاندوۋىسكىغا بەخت تىلەيمەن.»

لېۋاندوۋىسكى بۇ يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 34 ياشقا كىرىدۇ، ئۇ 2014-يىلى 7-ئايدا ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە دورتمۇندتىن بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلغان. لېۋاندوۋىسكى بايرېن مىيۇنخېندا توپ تەپكەن سەككىز يىل مابەينىدە جەمئىي 375 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 344 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە 74 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان بولۇپ، بايرېن مىيۇنخېنغا ياردەملىشىپ سەككىز قېتىم گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئۈچ قېتىم گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بەش قېتىم گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

شەخسىي شان-شەرەپ جەھەتتە، لېۋاندوۋىسكى بايرېن مىيۇنخېندىكى ۋاقتىدا ئالتە قېتىم گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇپ باھالانغان، شۇنداقلا گېرد مۇللېر ياراتقان گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەسىللىك توپ كىرگۈزۈش رېكورتى ۋە تەبىئىي يىلدا توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 2020-يىللىق ۋە 2021-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.