مېندېس كىرىستىيانو رونالدونى ھەتتا يۇۋېنتۇسقىمۇ تەۋسىيە قىلدى

ئەلكۈيى
2022-07-16
来源:سىنا تورى

ئىتالىيە تاراتقۇسى «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ماسىمو پاۋاننىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېندېس كىرىستىيانو رونالدونى كۆپلىگەن كۇلۇبلارغا تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، بايرېن مىيۇنخېن، چېلسى، پارىژ سانت گېرمان قاتارلىق كوماندىلاردىن باشقا يەنە ئۇنىڭ سابىق كوماندىسى يۇۋېنتۇسمۇ بار ئىكەن.

يۇۋېنتۇس ئورگان تورىنىڭ باش مۇھەررىرى پاۋاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 37 ياشلىق كىرىستىيانو رونالدو ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك كەسپىي ھاياتى ئاخىرقى باسقۇچتا تۇرۇۋېتىپتۇ. ئۆتكەن يىلى يازدا، رونالدو 12 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلدى. مانچېستېر بىرلەشمىسى يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، كىرىستىيانو رونالدو كوماندىدىن ئايرىلىپ كەسپىي ھاياتىدىكى 6-قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

رونالدو ھازىرغىچە كوماندىغا قايتىپ مەشىققە قاتناشمىغان ھەمدە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئاسىيا سەپىرىگە قاتناشمىغان، ئۇ ئائىلە سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان. ئۇنىڭ ۋاستىچىسى مېندېس پورتۇگالىيەلىك بۇ گىگانت چولپاننى بايرېن مىيۇنخېن، يۇۋېنتۇس، چېلسى ۋە پارىژ سانت گېرمان قاتارلىق بىر قانچە كۇلۇبقا تەۋسىيە قىلغان. بىراق، چېلسى كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى بېرلى مەشقاۋۇل تۇخېل بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، رونالدونى قوشۇۋېلىشنى ئويلاشمىغان.