باچچان ئائىلىسىدىكىلەرگە «ئانا» بولغان بۇ ئارتىس توغرىسىدا سىز بىلمەيدىغان ئىشلار

ئەلكۈيى
2022-07-16
来源:نۇر

ى تەرجىمىسى:

ۋاھىدە راھمان (Waheeda Rehman) بوللىۋود كىنو ساھەسىدىكى رىۋايەتلىك ئارتىس، داڭلىق ئۇسسۇلچى، قالتىس ئايال ئارتىس. ئايال ئارتىسلار بەك كۆپ شەرتلەرنى قويالمايدىغان ئۇ دەۋردە ۋاھىدە راھمان ھەمىشە ئۆز تەلىپى بويىچە خىزمەت قىلغان. 50 نەچچە يىللىق كەسپىي ھاياتىدا ئۇ نۇرغۇن ئابىدە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر خىل تىپتىكى كىنولارنى سۈرەتكە ئالغان ھەمدە جاسارىتى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئوبرازلارنى ياراتقان.

ۋاھىدە راھمان تامىل نادۇدا تۇغۇلغان

ۋاھىدە راھمان 1938-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى تامىل نادۇنىڭ چېڭگالپاتتۇدا تۇغۇلغان.

تەربىيەلەنگەن ئۇسسۇلچى

ئۇ ئائىلىدىكى تۆت بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئۇسسۇلدا تەربىيەلەنگەن ھەمدە كىچىك سەھنىلەردە ئويۇن قويۇشقا باشلىغان.

دوختۇر بولۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكەن

ۋاھىدەنىڭ ئارزۇسى دوختۇر بولۇش ئىدى، لېكىن ئۇ ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەندە دادىسى قازا قىلغان. ئۇ ئائىلىسىدىكلەرنى بېقىش ئۈچۈن ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ كىنو تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغان.

تۇنجى كىنوسى 1955-يىلى قويۇلغان

ۋاھىدە راھمان كەسپىي ھاياتىنى جەنۇبىي ھىندىستان كىنولىرىدا رول ئېلىش بىلەن باشلىغان. ئۇ تۇنجى قېتىم رول ئالغان ناملىق تېلگۇ تىلىدىكى «Rojulu Marayi» ناملىق كىنو 1955-يىلى قويۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جەنۇبىي ھىندىستاندىكى پېشقەدەم ئارتىس راما راۋ (NT Rama Rao) بىلەن «Jayasimha» ناملىق يەنە بىر تېلۇگۇ كىنوسىدا رول ئالغان.

گۇرۇ دات (Guru Dutt) بوللىۋودقا ئېلىپ كىرگەن

بىر قېتىملىق زىياپەتتە گورۇ دات ۋاھىدە راھمانغا دىققەت قىلغان. كېيىن ئۇنىڭغا «C.I.D» ناملىق كىنودا قوشۇمچە رول ئېلىش پۇرسىتىنى بەرگەن. بۇ كىنونىڭ مۇۋەپپەقىيتىدىن كېيىن ۋاھىدە راھمان ھىندى كىنوچىلىقىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان.

ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغان

رېژىسىسور راج ھوسلا ۋاھىدەنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئۇنىڭغا مادۇبالا (Madhubala)، مېنا كۇمارى (Meena Kumari)، نەرگىس (Nargis) قاتارلىق داڭلىق ئايال چولپانلارنىڭ ئىسىم ئۆزگەرتكەن مىساللىرىنى سۆزلەپ بەرگەن، لېكىن ئۇ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغان.

ئەزەلدىن ئۇنى بىئارام قىلىدىغان كىيىم كىيىپ باقمىغان

ئۇ بىر كىنونىڭ ناخشا كۆرۈنۈشىدىكى رېژىسىسور گۇرۇ داتنىڭ كىينىش تەلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە توختام تۈزگەندىكى ئۆزى ياقتۇرمىغان سەھنە كىيىمىنى كىيمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى نەقىل كەلتۈرگەن. گۇرۇ دات بوشاشماي چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ ۋاھىدە قەتىي قارشى تۇرغان، گۇرۇ داتمۇ ئۇنىڭ تەلىپىگە تىز پۈكۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئەمدىلا بوللىۋودقا قەدەم قويغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن.

بوللىۋودتىكى تۇنجى كىنوسىدا پاھىشە ئايالنىڭ رولىنى ئالغان

ۋاھىدە راھمان 1957-يىلى گۇرۇ دات رېژىسىسورلۇق قىلغان تۇنجى باش رولچى بولغان بوللىۋود كىنوسى «تېپىلغۇسىز» (Pyaasa)دا پاھىشە ئايالنىڭ رولىنى ئالغان. بۇ كىنو ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، گورۇ داتنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كىنولىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

گۇرۇ داتنىڭ ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن كىنولىرىدا باش رول ئالغان

ئۇ گۇرۇ دات بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆپلىگەن كىنولارنى سۈرەتكە ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە «قەغەز گۈل» (Kagaz Ke Phool)، «تولۇن ئاي» (Chaudahvin Ka Chand) ۋە «پادىشاھ، خانىش ۋە مالاي» (Sahib Biwi Aur Ghulam) قاتارلىق كىنولار ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئۇ «پادىشاھ، خانىش ۋە مالاي» ناملىق كىنو ئارقىلىق تۇنجى قېتىم فىلىمفەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ ئۇنىڭ گۇرۇ دات بىلەن ھەمكارلاشقان ئەڭ ئاخىرقى كىنوسى بولۇپ قالغان.

گۇرۇ دات ۋاھىدەنى ياخشى كۆرۈپ قالغان

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، گورۇ دات بىلەن ۋاھىدە راھمان بىر مەزگىل ئارىلاشقان، كېيىن گورۇ دات داڭلىق ناخشىچى ناخشىچى گېتا دات بىلەن توي قىلغان. خەۋەرلەردە «قەغەز گۈل» (Kagaz Ke Phool) ناملىق كىنونىڭ ۋەقەلىكىنى ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ئىشلىرىدىن ئىلھام ئالغان دېيىلگەن.

ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر 1963-يىلى تارقالغان، خەۋەر تارقىلىپ بىر يىلدىن كېيىن گۇرۇ دات قازا قىلغان. 1963-يىلى ئۇلارنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ئۈزۈلگەن، گورۇ دات 1964-يىلى كۆپلەپ ئۇيقۇ دورىسى يەۋالغانلىقتىن قازا قىلغان.

دېۋ ئاناند نۇرغۇن ئالقىشلىق كىنولارنى ئىشلىگەن

دېۋ ئاناند بىلەن ۋاھىدە راھمان «ساھىبجامال بىلەن ئوغرى» (Roop Ki Rani Choron Ka Raja)، «ئەسلىمە» (Baat Ek Raat Ki)، «يېتەكچى» (Guide) ۋە «پرېم» (Prem Pujari) قاتارلىق بىر قانچە ئالقىشلىق كىنولارنى ئىشلىگەن.

«يېتەكچى»ناملىق كىنودىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

ۋاھىدە راھمان «يېتەكچى» (Guide) ناملىق كىنودىكى ئىپادىسى بىلەن زور ئۇتۇق، شۆھرەت ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ كىنودىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن تۇنجى قېتىم فىلىمفەر ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كىنودا ئۇ كۈچلۈك ئىرادىلىك پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. ۋاھىدەنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ئۇ دەسلەپتە بۇ رولنى رەت قىلغان، ئەمما دېۋ ئاناندنىڭ توختاۋسىز قايىل قىلىشىدىن كېيىن ئۇنى ئالغان ۋە زور شەرەپكە ئېرىشكەن.

كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە بىر قانچە دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار بىلەن ھەمكارلاشقان

ئۇ كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە دىلىپ كۇمار (Dilip Kumar)، راج كاپۇر (Raj Kapoor)، راجېندرا كۇمار (Rajendra Kumar) ۋە راجېش كاننا (Rajesh Khanna) قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالقىشلىق كىنولارنى ئىشلىگەن.

«كۆك نېلۇپەر»دىكى ئىپادىسى ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن

ۋاھىدە راھمان كەسپىي ھاياتىدا ئۇدا 2 قېتىم ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇ «كۆك نېلۇپەر» (Neel Kamal) ناملىق كىنودىكى ئىپادىسى ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن.

ۋاھىدە راھماننىڭ يولدىشى

ۋاھىدە راھمان 1974-يىلى ئارتىس كامالجېت (Kamaljeet) بىلەن توي قىلغان. ئىككەيلەن ئىلگىرى «Shagoon» ناملىق كىنودا ھەمكارلاشقان. ئۇلارنىڭ سوھايىل ئىسىملىك ئوغلى، كاشى ئىسىملىك قىزى بار. ئۇنىڭ يولدىشى 2000-يىلى 11-ئايدا قازا قىلغان.

ئامىتاب باچچان ۋاھىدە راھماننىڭ مەستانىسى

بوللىۋودنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى ئامىتاب باچچان ۋاھىدە راھماننى ئەڭ گۈزەل ئايال ئارتىس دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىككەيلەن «رېشما بىلەن شېرا» (Reshma Aur Shera)، «ھەقىقەت» (Adaalat)، «بەزىدە» (Kabhie Kabhie)، «قىسمەت» (Naseeb) قاتارلىق كىنولاردا ھەمكارلاشقان.

باچچان ئائىلىسىدىكىلەرگە «ئانا» بولغان

قىزىقارلىق يېرى ئۇ كىنولاردا باچچان ئائىلىسىدىكىلەرگە «ئانا» بولغان. «Phagun» ناملىق كىنودا جايا باچچان رولىنى ئالغان پېرسوناژنىڭ، «Trishul» ناملىق كىنودا ئامىتاب باچچان، «Om Jai Jagdish» ناملىق كىنودا ئابىشېك باچچان رولىنى ئالغان پېرسوناژنىڭ ئانىسىنىڭ رولىنى ئالغان.

2011-يىلى پادما بۇشان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

ھىندىستان كىنوچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى سەۋەبلىك فىلىمفەر ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى ۋە ھىندىستان كىنو شەخسلىرىنىڭ يۈز يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2011-يىلى ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك پۇقرالار مۇكاپاتى بولغان پادما بۇشان (Padma Bhushan) مۇكاپاتى بەرگەن.