شى جىنپىڭ: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا، شىنجاڭ ئەمدى چەت، يىراق رايون بولماستىن، بەلكى بى

ئەلكۈيى تورى
2022-07-15
来源:تىيانشان تورى

شى جىنپىڭ: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا، شىنجاڭ ئەمدى چەت، يىراق رايون بولماستىن، بەلكى بىر تۈگۈن رايونغا ئايلاندى   

   باش شۇجى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا كېلىپ، ئومۇمىي ئەھۋال توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئەمەلىي كۆرۈنۈش ئارقىلىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنىڭ ھەرقايسى فونكسىيەلىك رايونلىرى ۋە ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتىنىڭ نەق مەيدان مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە خىزمەتچى خادىملار ۋە نەق مەيداندا ئىش بېجىرىۋاتقان خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ يىللاردىن بۇيان، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەمدى چەت، يىراق رايون بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق رايون، بىر تۈگۈن رايونغا ئايلاندى، سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش، ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈڭلار، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇڭلار، ئىستىقبالىڭلار پارلاق.

(جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي يازغان؛ لى شۆرېن، شيې خۇەنچى فوتوسى)