يانچۇق تومپايدى، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولدى

2022-07-14
来源:

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدە دائىم «يانچۇقنى تومپايتىش، روھىي جەھەتتىن كۆتۈرەڭگۈ بولۇش كېرەك» دېگەن كەنت تەلىمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. گۈزەل ئارزۇ بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلاندى.

2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، داشى كەنتىنىڭ بۇ كەنت تەلىمىنى تىلغا ئالدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ھاياجانلىق ھېسسىياتى بىلەن باش شۇجىغا خەت يېزىپ، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلدى. 2014 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى داشى كەنتىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا، دەپ تەكىتلىدى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داشى كەنتى كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى «ئەڭ يۇقىرى پەللە»نى ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ ئۆتتى، كەنت بارغانسېرى بېيىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى شېرىن ئۆتتى.

ئاشلىق ئىستېمال قىلىشتا ئاشلىقنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا تايىنىش، ئىشلەپچىقىرىشتا قەرز پۇلغا تايىنىش، تۇرمۇشتا قۇتقۇزۇشقا تايىنىشتىن ئىبارەت «ئۈچكە تايىنىدىغان كەنت»تىن بۈگۈنكى مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1 - كەنت» بولۇشقىچە، داشى كەنتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش شىنجاڭدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كەنتنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلاندى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى شەھەر، يېزا - كەنتلەردە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە تەرەققىي قىلىپ بېيىش يوللىرىنى تېپىپ چىقتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى بارغانسېرى كۈچەيدى.

پارتىيە ياچېيكىسى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش يۇرتداشلارنى مەھكەم جەلپ قىلدى

داشى كەنتىدە پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىدىغان ياشلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. 2016 - يىلى 8 - ئايدا، پارتىيە ئەزالىرى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە كومىتېتى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە چاقىرىق كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پارتىيەگە كىرگەن كۆرۈنۈشى بار. ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش يۇرتداشلارنى مەھكەم جەلپ قىلدى.

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىدا، 87 ياشلىق كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ ئابدۇللانىڭ سىيماسىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ.

«كەسىپ تەرەققىي قىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشتى. قاراڭ كەنتنىڭ يوللىرى نېمىدېگەن تەكشى، تۇرالغۇ ئۆيلەر نېمىدېگەن چىرايلىق، كىنوخانا، گۈل دۇكىنى قاتارلىق ئىلگىرى شەھەرلەردىلا بار بولغان بۇ نەرسىلەر بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىلا بار بولدى...» يۈسۈپ بوۋاي چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى! پارتىيە بولمىسا، بۈگۈنكى ئاياغمەنگەن كەنتى بولمايتتى!

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغاندا مۇنداق ئۈمىد قىلدى: «سىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن.» سەككىز يىلدىن بۇيان، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم قىلىشىدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت ئاھالىلىرى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىپ، تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.

2014 - يىلىدىن ھازىرغىچە، بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى 39 نەپەر پارتىيە ئەزاسىنى قوبۇل قىلدى، بۇلتۇر 12 - ئايدا پارتىيەگە كىرگەن يۈسۈپ دەل شۇلارنىڭ بىرى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ھاياجانلانغىنىدىن ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلگەن سىن توردا كەڭ تارقىلىپ، سانسىزلىغان كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

بۇ يىل يىل بېشىدا، «پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن» سىن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مۇجى يېزىسى مۇجى كەنتىدىكى چارۋىچى ئابدۇجاپپار مېڭدىنى پۈتۈن توردا ھەممىگە تونۇتتى. ئۇ قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىلنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن، ساياھەتچىلەر پۇل بېرىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندا، ئۇ مەيدىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «پۇل ئالمايمىز، بۇنىڭغا قاراڭ!» دېدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئابدۇجاپپار يەنىلا ھەر كۈنى پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى سۈرتۈپ پارقىرىتىۋېتىدۇ. «پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى قەدىرلىگەنلىك پارتىيەمىزنى سۆيگەنلىك، ۋەتىنىمىزنى سۆيگەنلىك، بۇ مېنىڭ سەمىمىي قەلبىمنى ئىپادىلىشىمدۇر» دېدى ئۇ.

كادىرلار ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك بولۇپ، غەم - ئەندىشىنى تۈگىتىپ، گۈللىنىشنى كۆزلىدى

بۇ يىل، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپخان بازىرى توپخان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەختىخان مەمتىمىن ياڭاقلىقىدىكى بەش مو يەرگە بۇغداينى كىرىشتۈرۈپ تېرىدى، پىشىش پەسلى يېتىپ كەلدى، ئۇ ئۆزى يالغۇز يېتىشەلمىگەنلىكتىن، بېشى ناھايىتى قاتقانىدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ توپخان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ياردەملىشىپ ئورۇشۇپ بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى. 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، يېرىم كۈن ۋاقىتتىلا بۇغداي ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈلۈپ بولدى.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكىلەر قىزىل جىلىتكە كىيىپ، پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، ئاممىنىڭ بۇغداينى تېز يىغىشىغا، ئاپتاپقا سېلىشىغا، قاچىلاپ توشۇشىغا ياردەم بەردى. «قىزىل كىيىملىك پىدائىيلار» ئېتىزلاردىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

شىنجاڭدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 500 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر 10 مىڭدىن ئارتۇق كەنت، ئەترەت(مەھەللە)كە چوڭقۇر چۆكۈشكە تاللاپ ئەۋەتىلدى، ئۇلار ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال - ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا ئېرىشتى.

ئالتاي شەھىرىنىڭ قاراشىلىك يېزىسى جالچى كەنتىدە مارىيا چىلې پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنى بار بولۇپ، سودىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى. دۇكان ئىگىسى مارىيا ماقان ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئىلگىرى پارچە - پۇرات ئىشلارنى قىلىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايان نۇرخۇرمانىڭ ياردىمىدە، ئۇلار پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنى ئېچىپ، ھەر يىللىق كىرىمىنى 250 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى، يەنە ئۈچ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ قىيىن بولۇشى كەسپىي ماھارىتىنىڭ كەمچىلىكىدىن، ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىدىن بولغان.» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئايان كۆپ تەرەپتىن قول سېلىپ ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنىنىڭ تەجرىبىسىنى ئاساس قىلىپ، ئايان «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كەشتىچىلىك، ناۋايخانا قاتارلىق ئون نەچچە دۇكانغا ياردەم بەردى.

«پارتىيە مېنى تەربىيەلىدى، مەن يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشۈم كېرەك.» ئاياننىڭ ئېيتىشىچە: بۈگۈنكى كۈندە پۇقرالارنىڭ ھەميېنى تومپىيىپتۇ، مەنىۋى دۇنياسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بېيىپتۇ. ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىدا، كەنتتىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە بېيىش باشلامچىلىرى شېئىر يېزىش، دومبىرا چېلىپ ناخشا ئېيتىش شەكلى بىلەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى تەشۋىق قىپتۇ.

تۇرمۇش ياخشىلىنىپ، بەخت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ مۇتلەق نامراتلىق تارىخى بىلەن خوشلاشتى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى.

ئالدىراشلىققا تولغان زاۋۇت سېخلىرى، مول ھوسۇلغا تولغان ئالتۇن تۇپراق، كۆركەم دېھقانلار ھويلىسى... بەختلىك، ئىناق كۆرۈنۈشلەر يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلىرىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرماقتا.

پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما «قىرتاق، تۇزلۇق سۇ» بىلەن خوشلاشتى. مۇزتاغ چوققىسىدىن كەلگەن قار، مۇز سۈيى نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق ئاساسىي تۇرۇبا تورىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، پەيزاۋات ناھىيە بازىرىغا شىلدىرلاپ ئېقىپ كىردى، يەنە 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق تارماق لىنىيە ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرگە ئېقىپ كىردى، ھەربىر ئائىلىگە ئېقىپ كىردى.

«باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت!» پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى لايلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پازىل ھاياجانلانغان ھالدا: بىز قانداقمۇ تىرىشماي تۇرالايمىز! دېدى. ئۇ نەچچە ئون مو يەرنى ھۆددە ئېلىپ شىنمېي ۋە قوغۇن تېرىپ، بۇلتۇر پەقەت شىنمېيدىنلا 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، بەخت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى.

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدە 1665 ئائىلىلىك 6640 كىشى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ يار - يۆلەك بولۇشىدا چارۋىچىلار تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن مەھەللىلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭى بەختلىك تۇرمۇشىنى باشلىدى.

گۈلباھار ئىلگىرى ئائىلە ئايالى بولۇپ، ھەر كۈنى قازان بېشىنى چۆرگۈلەپ يۈرەتتى. كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ كىيىم - كېچەك دۇكىنى ئاچتى، يەنە بىرنەچچە كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. «كىيىم - كېچەك دۇكىنى ھەر ئايدا 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا زاكاز قوبۇل قىلالايدۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ ئۈنۈمىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ» دېدى ئۇ.

تاغدىن چىققان چارۋىچى مەمەتغۇجى شىرئەلى بىر كىچىك ئاشخانا ئېچىپ، ھەر كۈنى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «كىرىمىم كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئىشلىرىم ئۈمىدكە تولدى، تۇرمۇشۇمدا نىشان بار بولدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: مانا بۇ ھەقىقىي بەخت!