ئامەتلىك لاتارىيەچى شياۋ ۋاڭ 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-07-05
来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، تەلەيلىك لاتارىيەچى شياۋ ۋاڭۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قومۇل شەھىرىدىكى 65220122 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئامەت بىلەن 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، شياۋ ۋاڭ بۇلتۇر ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، خىزمەتداشلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. شياۋۋاڭمەن <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ئويۇنى ئويناشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نۇقتىسىغا ئۇچراپ قالسام، بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن، لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن ئىنتايىن ھۇزۇرلىنىمەن»-دېدى.

6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، شياۋ ۋاڭ ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن بازارنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، 65220122 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، ۋە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ئاندىن ئۆيىگە قايتماقچى بولدى. ئىككى خىزمەتدىشى«ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتى تاللىدى، شياۋ ۋاڭ بولسا 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتى تاللىدى. شياۋ ۋاڭ ئالدى بىلەن « مۇكاپات نومۇرى» رايونىنى قىردى، مۇكاپات نومۇرى « 14» ئىدى، ئاندىن بىر قۇر، يەنە بىر قۇردىن « مېنىڭ نومۇرۇم» نى قىرىشقا باشلىدى، بىرىنچى رەتتىكى بەش ساننىڭ ھەممىسى« 14» بولۇپ، ھەممىسىگە مۇكاپات چىقتى، شياۋ ۋاڭ ناھايىتى خۇشال بولدى، يەنە ناھايىتى تېزلىكتە ھەممە جاينى قىرىۋەتتى، دەرۋەقە ھەممىسدە « 14» چىقتى. شياۋ ۋاڭ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، ۋە لاتارىيە بېلىتى مال ساتقۇچىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى، ئاخىرىدا شياۋ ۋاڭنىڭ 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، شياۋ ۋاڭ قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى يوشۇرالماي ھاياجانلانغان ھالدائىلگىرى باشقىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئەزەلدىن بۇنداق تەلەينىڭ ماڭا كېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان. خالىغانچە بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن ئىش بولدى! بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن-دېدى. ۇمۇل   ۋاڭچىڭ)