ئامەتلىك لاتارىيەچى«يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت»ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-07-04
来源:ئەلكۈيى تورى

6- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسى 6543806 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسمى) قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ئاۋدى A4L ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. تەلەيگە تولغان بۇ لاتارىيە بېلىتى جاڭ ئەپەندىنى بۇ يىلقى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۇنجى بولۇپ ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەلەيلىك كىشىگە ئايلاندۇردى.

شۇ كۈنى، جاڭ ئەپەندى دوستلىرى بىلەن يىغىلىپ تاماق يېيىشىپ قايتىش يولىدا 6543806 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەن بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىدە نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دوستلىرىمۇ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ بېقىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئىشىكتىن كىرىپلا، جاڭ ئەپەندى لاتارىيەچىلەرنىڭ قولىدا « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» نىڭ بارلىقىنى بايقىدى. مال ساتقۇچى جاڭ ئەپەندىگە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ھازىرقى ئەڭ مودا بۇلىۋاتقان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى لاتارىيە بېلەت تۈرى بولۇپ، مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپلا پۇرستى بار بۇلۇپلا قالماي، يەنە ئاۋدى A4L ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بار. جاڭ ئەپەندى مال ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا« يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» قا قىزىقىپ قالدى، سىناپ بېقىش روھىي ھالىتى بويىچە، ئۇ ئىككىنى پارچە لاتارىيە بېلىتى تاللاپ قىرىشقا باشلىدى، بىللە بارغان دوستلىرى بىر چەتتە تۇرۇپ «كۆزەتتى» ، دوستلىرى ئۇنىڭغا زادى قانداق مۇكاپات چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى. بىرىنچە پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىقمىدى، ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتى قىرىپ تۇرۇشىغا، جاڭ ئەپەندى تۇيۇقسىز چۆچۈپ كېتىپ: « مۇكاپات چىقتى! قاراڭلار! ماڭا بىر ماشىنىغا چىقتىم. » -دەپ توۋلاپ كەتتى، ئۇنىڭ تەلىيى دوستىنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى، شۇنداقلا بىر بولاق « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى.

ئەتىسى جاڭ ئەپەندى دوستىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالدى، دوستى ھاياجانلانغان ھالدا:«لاۋجاڭنىڭ تەلىيى كەلدى! مەن شۇ كۈنى توپتوغرا بىر بولاق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدىم، لىكىن پەقەت ئازراق مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ئۇ پەقەت ئىككى پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپلا، بىر ئاۋدى ماشىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى! مەن لاۋجاڭغا ھەقىقەتەن بەك ھەۋەس قىلىمەن-دېدى.

(ئالتاي   ۋېيجيا ماگنىي)