ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى سۈن ئەپەندى 200000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-06-23
来源:ئەلكۈيى تورى

« ئامەت بىزگە خۇشاللىق ۋە مۇھەببەت ئېلىپ كىلىدۇ، بىزگە ئامەت كەلدى، ئامەت ھەممە يەرگە تارالدى... » 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندە، كېلىشكەن بىر يىگىت ناخشا ئېيتىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە كېلىپ، بىر پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى چىقىرىپ خىزمەتچى خادىملارغا سۇندى. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ لاتارىيەچى سۈن ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «ئامەت كەلدى» بىلەت تۈرىدە 200000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى، شادلىققا چۆمگەن سۈن ئەپەندى قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى يوشۇرالماي قالغان ئىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن مۇكاپات نەقلەشتۈرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانى توغرىسىدا پاراڭ قىلدى. سۈن ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېڭى لاتارىيەچى ئىكەنلىكىنى، لاتارىيەگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئاندا-ساندا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناپ، تەلىيىنى سىناپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، سۈن ئەپەندى قىز دوستى بىلەن ئۈرۈمچى دەۋر مال سېتىۋېلىش مەيدانىغا كەلدى، قىز دوستىنىڭ كىيىم سېتىۋېلىش ئارىلىقىدا بىر چەتتە لاتارىيە بېلىتى سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپى تۇرغانلىقىنى بايقىدى، بۇ ئۇنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن سۈن ئەپەندى 10 يۈەنلىك «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتىدىن ئىككى پارچە سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ 100 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئارقىدىن يەنە 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتىدىن ئىككى پارچە سېتىۋالدى، بىراق بۇ قېتىم مۇكاپات چىقمىدى. سۈن ئەپەندى يەنە داۋاملىق قىممىتى بەش يۈەنلىك تۆت پارچە «ئامەت كەلدى» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئالدىدىكى ئۈچ پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ بولغاندىن كىيىن ھېچقانداق مۇكاپات چىقمىدى، سۈن ئەپەندى شۇ كۈنى تەلىيىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن، ئۇزۇن بىر قاتار سانلار كۆزگە چېلىقاتتى. ـــ «چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىمۇ؟»ــ دېدى سۈن ئەپەندى كۆڭلىدە. ئەستايىدىللىق سېلىشتۇرۇش ۋە ئويۇن قائىدىسىگە قارىغاندىن كىين، سۈن ئەپەندى ئۆزىنىڭ 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدى.

« تۇرمۇشتا خۇشاللىق ھەقىقەتەن ھەممە يەردە بار بۇلىدۇ». سۈن ئەپەندى دېدى:«بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىشقا، لاتارىيە بېلىتى سېتىش كۆرگەزمە ئىشكابىغا دۇچ كەلگەندە، مەن يەنە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى ۋە شۇنداقلا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللايمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاتارىيە سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، خۇشال بۇلۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

ۈرۈمچى    دۇڭ جېڭ)