تەلەيلىك لاتارىيەچى ۋاڭ خانىم 250000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-06-23
来源:ئەلكۈيى تورى

ۋاڭ خانىم پاراۋانلىق لاتارىيىسى ئويناشقا ناھايىتى ئامراق بۇلۇپ، بولۇپمۇ پاراۋانلىق لاتارىيىسى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناشقا ئالاھىدە ئامراق ئىدى. ئادەتتە پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نوقتىسىنى كۆرسىلا، ئۇ چوقۇم بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاتتى، ۋە ياخشى تەلەيگە تەلمۈرەتتى. ۋاڭ خانىم «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، باشقا لاتارىيەچىلەرنىڭ پىكرىدىن پايدىلانمايتتى، ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى:«مەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا يالغۇز يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، پىكىر كۆپ بولسىلا كاللام قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ».

5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ۋاڭ خانىمغا نىسبەتەن تەلەيلىك كۈن بولدى، ئۇ 250 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شۇ كۈنى، ۋاڭ خانىم سانجى شەھىرى ياجۇڭ سودا شەھەرچىسىگە مال سېتىۋالغىلى بارغاندا، ياجوڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نۇقتىسىنى كۆرۈپ، بېرىپ « 66 شۈن 88 پا (6顺88发)» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتىدىن ئىككى پارچە تاللىدى، ئۇ لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن قىرىشقا باشلىدى، بىرىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن 20 يۈەن مۇكاپات چىقتى، ساتقۇچى خادىم دەرھال مۇكاپات پۇلىنى ۋاڭ خانىمغا نەقلەشتۈرۈپ بەردى.

ۋاڭ خانىم مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى، ئويلىمىغان يەردىن بىراقلا 250 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى، ئۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن سەكرەپ تۇرۇپۋاھ! ماڭا مۇكاپات چىقتى!»-دەپ توۋلىدى، مال ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ۋاڭ خانىم لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، سانجى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ خىزمەتچى خادىملارغا، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەم پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى!

(سانجى   لىنفېڭ)