6-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 12دە رەسمىي ئېچىلىدۇ!

ئەلكۈيى تورى
2022-06-22
来源:Dongkowrukhatirliri二道桥记忆

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 12دە رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ

图片

«ئاپتونوم رايوننىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توردا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 12دە رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى   (www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە توردىكى ئۇچۇرنىڭ دەسلەپكى مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئارزۇسىنى تولدۇرۇش سىستېمىسىغا تىزىملىتىشى كېرەك، تۇنجى قېتىم تىزىملاتقاندىن كېيىن، شەخسىي مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، باشقا مەشغۇلاتلارنى قىلسا بولىدۇ.


ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، «2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسپىي مۇندەرىجىسى»نى كۆرۈپ چىقىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلىرى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، سالامەتلىك شارائىتى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئارزۇ تولدۇرۇشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇ تولدۇرغاندا، ئارزۇ خەۋپ-خەتىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، شاللىنىش نىسبىتىنى ئازايتىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچى ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن تاللانماي قالسا، ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تولۇق كۇرسنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قۇبۇل قىلىش تۈركۈمىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 18دە، باشقا تۈركۈمدىكى ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 23تە ئاخىرلىشىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە ئارزۇ توپلىغاندىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇ توپلاش ۋاقتىدا كېيىنكى تۈركۈمدىكى ئارزۇنى تولدۇرسا ھەم ئۆزگەرتسە بولىدۇ.


ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيەسى، پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى. تېلېفون نومۇرىنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز.

图片

图片

图片

图片

图片

图片

图片