ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-چىسىلا 18دە ئېلان قىلىنىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2022-06-21
来源:تىيانشان تورى

شىنجاڭنىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18دە ئېلان قىلىنىدۇ

ئاپتونوم رايوننىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18دە ئېلان قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزىنىڭ نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتىدىن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى ئىلتىماس قىلىپ، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى ئىمتىھان بەرگۈچىگە قايتما ئىنكاس قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئۇچۇرىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك، ئەگەر مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى مەخپىي نومۇر باشقىلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلسە، تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىۋېلىشى كېرەك.