ئامەتلىك لاتارىيەچى شياۋۋاڭ 100000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-06-15
来源:ئەلكۈيى تورى

ـــ«توغرا! بىر پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىدۇ، راستلا بەك قالتىس! ھا، ھا، ھا!» 5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، نىلقا ناھىيەسى 65418057 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى تەلەيلىك لاتارىيەچى شياۋ ۋاڭ بىر قولىدا مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتىنى كۆتۈرۈپ، بىر قولىدا مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ كۈچەپ پۇلاڭلاتتى، ئۇ بىر قېتىمدىلا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شياۋۋاڭنىڭ لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە يۈزى كۆركەم بۇلۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدىكەن، بۇ ئۇيۇن ئاددىي ھەم قىزىقارلىق ئىكەن، ھەمدە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» نى سېتىۋالسا كۆپچىلىك پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك مېھىرەپقەت بېغىشلىغانلىق، بۇ ئۇنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلغان.

5- ئاينىڭ 25- كۈنى، شياۋ ۋاڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئادەتتىكىدەك نىلقا ناھىيەسىدىكى 65418057 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئالدى بىلەن بىر قۇر كۆرۈپ چىقتى، ئاندىن ئەزەلدىن قىرىپ باقمىغان 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلەت تۈرىنى تاللىدى ھەم ئۆزۆزىنى مەسخىرە قىلىپ: « مەن ئادەتتە سېتىۋالىدىغان لاتارىيە بېلەتلىرىنىڭ ھەممىسى 10 يۈەندىن تۆۋەن بولغان "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى ئىدى، بۈگۈن بىر پارچە "چوڭ" راق لاتارىيە بېلىتىگە جەڭ ئېلان قىلىپ باقاي-دېدى، شياۋ ۋاڭ ئازادە بىر بۇلۇڭنى تېپىپ، بارماق ئۇچى بىلەن لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز شياۋ ۋاڭ قىرغان لاتارىيە بېلىتىنىڭ «مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن «مۇكاپات نومۇرى» پۈتۈنلەي بىردەك «01» دېگەن نومۇر چىقتى ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسى« يۈەن100000» ئىدى، ئويۇن قائىدىسىگە تەپسىلىي قاراپ چىققاندىن كېيىن، شياۋ ۋاڭ ئۆزىنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى، شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى ھاياجانلىق مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغان شياۋۋاڭ خۇشال ھالدا:«مەن تېخى ئۆيلەنمىدىم، بۇ مۇكاپاتنى ئانامنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن-دېدى.

(ئىلى   ياڭخۇي)