قەشقەردىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-06-07
来源:ئەلكۈيى تورى

قەشقەردىكى لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) پاراۋانلىق لاتارىيەسى كومپيۇتېر بېلىتى ئويۇنىنىڭ« مەستانىسى» بولۇپ، دائىم پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالاتتى، لېكىن ئۇ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنى پەقەت چۈشىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان، ئەزەلدىن سىناپ باقمىغان ئىدى.

5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ليۇ ئەپەندى دوستى بىلەن بىللە قەشقەر شەھىرىدىكى 65310102-نومۇرلۇق سېتىش تور نۇقتىسىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ليۇ ئەپەندىنىڭ دوستى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ھەۋەسكارى بولۇپ، ھەر قېتىم كەلگىنىدە بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ ئويناپ تەلىيىنى سىناپ باقاتتى. ليۇ ئەپەندى دوستىنىڭ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ قىزىقىپ قالدى، مال ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى 9» بېلەت تۈرىنى تاللىدى. قائىدىنى بىلمىگەچكە، ليۇ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، مال ساتقۇچىنى ياردەملىشىپ سېلىشتۇرغۇزدى، مال ساتقۇچى پەقەت بىرلا قاراپ:«مۇبارەك بولسۇن! سىزگە مۇكاپات چىقىپتۇ! 10 مىڭ يۈەن!»-دېدى، ليۇ ئەپەندى داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئوينىشىدا مۇشۇنداق ياخشى تەلەي كەلگەن ئىدى!

قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدە مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:« ئەينى چاغدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلگەندىن كىيىن بەك خۇشال بولۇپ كەتكەنىدىم، تەلىيىمنىڭ بۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن! تەلەي ھەمىشە ئويلىمىغان يەردىن يېتىپ كېلىدىكەن، مانا بۇ لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ سېھرىي كۈچى-دېدى.

(قەشقەر   پەن شەن لەن)